Uyghurئاساسىي لۇغەت
كاساپەت
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئوڭۇشسىزلىق، تەتۈر تەلەي.
<باسماق> بىلەن پېئىللىشىدۇ.
خەقنىڭ كۈلپىتىدىن كۈلمە، سېنىمۇ نەس بېسىپ قالىدۇ. بىرنىڭ كاساپىتى مىڭغا. ياخشىنىڭ شاراپىتى، ياماننىڭ كاساپىتى. كۆڭۈلدىكىدەك ئىشنى بىردەمدىلا كاساپەت باسىدۇ. پالاكەت تۆگىنىڭ يۈكىنى ئوڭلىيالماس. پالاكەت باسقاننىڭ ئىنىكى قىسسىر قالار. قىرسىق كەلسە قىرىق كۈن تۇرىدۇ. مەندە ھىچ ئىش يوق، ئۇنىڭ كېسىرىگە كەتتىم.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
يامان ئاقىۋەتلەرگە سەۋەب بولغۇچى كىشى ياكى نەرسە.
بۇ كاساپەتنىڭ كەينىگە كىرسەڭ بىرەر بالاغا يولۇقماي قالمايسەن.
<بالا تەگكۈر>، <ئۆلگۈر> دېگەن مەنىلەردىكى ھاقارەت سۆزى.
مىڭلاپ - مىڭلاپ دانلار قېنى؟ ئۈجمىنىڭ شېخىدا ئولتۇرغان مۇشۇ كاساپەتلەر يەپ كەتتى - دە.
شەخس قوشۇمچىلىرى بىلەن كېلىپ <سەۋەبى، تۈپەيلى> دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.
مېنىڭ بۇ يەرگە كىرىپ قېلىشىم ئاشۇنىڭ كاساپىتى.