Uyghurئاساسىي لۇغەت
كارتا
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يەر شارىنىڭ قەغەز، تاختا قاتارلىق تەكشى نەرسىلەرگە سىزىلغان تەسۋىرى. ئايرىم مەملىكەت، رايوننىڭمۇ خەرىتىسى بولىدۇ.
« ئاتلاس » خەرىتىلەر مەجمۇئەسى.
« گلوبۇس » مەخسۇس يەر شارى شەكلىدە ياسالغان.
دۇنيا خەرىتىسى؛ جۇڭگو خەرىتىسى؛ شىنجاڭ خەرىتىسى. دۇنيانىڭ تەبىئىي خەرىتىسى؛ شىنجاڭنىڭ مەمۇرىي بۆلۈنۈش خەرىتىسى. ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ قاتناش خەرىتىسى. ئەڭ بۇرۇنقى دۇنيا خەرىتىسى مىلادىدىن 600 يىل بۇرۇن بابىل _ ئاسۇرىيدە سىزىلغان. مەكتىپىمىزدىكى ئاتلاستىن تولۇق پايدىلىنىمىز. تۇرسۇن مۇئەللىم جۇغراپىيە دەرىسىدە چوڭ گلوبۇسنى ئۇنتۇماي سىنىپقا ئەكىرىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە
قېلىن ياكى قېلىنراق قەغەزدىن تۆت بۇرجەك قىلىپ كېسىلگەن ۋاراق، ۋاراقچە.
مەن بىر دۆۋە كىتاب ۋە كارتىلار ئىچىدە ئون سائەتلەپ ئولتۇرىمەن.