Uyghurئاساسىي لۇغەت
كارتوم جېڭى
دۇنيا تارىخى
مەھى قوزغىلىڭىدىكى بىر قېتىملىق مۇھىم جەڭ. كارتوم (ھازىرقى نامى خارتوم) ئىككى نىل دەرياسىنىڭ قوشۇلىدىغان جايىغا جايلاشقان بولۇپ، ئەنگلىيە بىلەن مىسىرنىڭ سۇدانغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش مەركىزى، باش ۋالىي مەھكىمىسى تۇرۇشلۇق ئورۇن ئىدى. مەھدى قوشۇنى ئۇنى 1884 - يىلى 3 - ئايدىن باشلاپ قورشىۋالغان، ئىككىنچى يىلى 1 - ئاينىڭ 26 - كۈنى ئومۇمىي ھۇجۇم قوزغاپ، كارتومنى ساقلاۋاتقان دۈشمەن قوشۇنىنى پۈتۈنلەي يوقاتقان ھەمدە باش ۋالىي مەھكىمىسىدە ئەنگلىيىلىك باش ۋالىي گوردوننى ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ، پۈتۈن شەھەرنى ئازاد قىلغان.