Uyghurئاساسىي لۇغەت
كاربونارلار
دۇنيا تارىخى
19 - ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ئىتالىيە، فرانسىيە ۋە ئىسپانىيە ئەتراپىدا جانلىنىپ كەتكەن مەخپىي تەشكىلات. <كۆمۈر كۆيدۈرگۈچىلەر> دېگەن نام ئەركىنلىك، ئەخلاق ۋە تەرەققىيپەرۋەرلىكنى ياقلىغۇچىلار ۋە تارقاتقۇچىلارنىڭ سىموۋولى بولغان. ئۇنىڭ كېلىپ چىقىشى ئېنىق ئەمەس، 18 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىكى فرانسىيە - شۋېتسارىيە چېگرىسىدىكى جۇرا رايونىدىكى مەخپىي تەشكىلات، كېيىن ناپولېئوننىڭ ئەسكەرلىرىگە ئەگىشىپ ئىتالىيىگە كىرگەن دېگەن گەپ بار؛ ئورتاق قۇتقۇزۇش جەمئىيىتىنىڭ بىر تارمىقى دېگەن گەپمۇ بار؛ 1806 - يىلى فرانسىيە ئارمىيىسى نېئاپول پادىشاھلىقىنى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن، كاربونارلار دەرھال بۇ يەردە پەيدا بولۇپ، يات مىللەتنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرغان. كېيىن ئىتالىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمى ۋە شىمالىغا قاراپ تەرەققى قىلغان. ئەزالىرى ئاساسەن ئاقسۆڭەكلەر، ئوفىتسېرلار، كىچىك پومېشچىكلار ۋە ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە. ئۇنىڭ نىشانى ئومۇمەن ئىتالىيەنىڭ مۇستەقىللىكىنى قولغا كەلتۈرۈش؛ مۇستەبىتلىك تۈزۈلمىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئاساسىي قانۇنلۇق سىياسىي تۈزۈمىنى ئورنىتىشتىن ئىبارەت؛ لېكىن ئىجتىمائىي تەركىبى مۇرەككەپ بولغانلىقى، گۇرۇھلار كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن سىياسىي تەشەببۇسى خىلمۇخىل بولغان. ئۇ تەشكىلىي جەھەتتە مەخپىي دەرىجە شەكلىنى قوللانغان، يالغان نام ۋە يوشۇرۇن سۆزلەرنى ئىشلەتكەن؛ تەشكىلاتقا كىرىشتە چاكىنا مۇراسىملارنى ئۆتكۈزگەن. 1817 - 1831 - يىللىرى ئارىلىقىد ئىتالىيىدە نۇرغۇن قېتىم قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلگەن، پەقەت 1820 - يىلدىكى نېئاپول قوزغىلىڭىلا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ، بىر مەھەل كورۇل فېردىناندو Ⅰنى ئاساسىي قانۇن ئېلان قىلىشقا مەجبور قىلغان. فرانسىيىدە بازارد (1791 - 1832) 1820 - يىلى، بوناروتتى 1830 - يىلى كارابونارلار تەشكىلاتىنى قۇرغان. ئىسپانىيىدىمۇ قوزغىلاڭ ئۇيۇشتۇرۇلغان. 19 - ئەسىرنىڭ 30 - يىللىرىدا ئاستا - ئاستا ئاجىزلاشقان. كاربونارلارغا لافايېتتې، بىرون، لۇئى بوناپارت، ماززىنى قاتارلىقلار قاتناشقان.