Uyghurئاساسىي لۇغەت
كامپوفورمىئو سۈلھ شەرتنامىسى
دۇنيا تارىخى
فرانسىيە 1797 - يىلى ئاۋستىريە بىلەن تۈزگەن سۈلھ شەرتنامىسى. ناپولېئون بىرىنچى قېتىملىق فرانسىيگە قارشى ئىتتىپاقتىكى كۈچلۈك دۈشمىنى ئاۋسترىيىنى چېكىندۈرۈش ئۈچۈن، 1796 - 1797 - يىللاردا ئىتالىيىگە قوشۇن تارتىپ، ۋېناغا قىستاپ بارغان. 1797 - يىلى 4 - ئاينىڭ 18 ـ كۈنى فرانسىيە بىلەن ئاۋستىريە دەسلەپكى سۈلھ شەرتنامىنى ئىمزالىغان. 10 - ئاينىڭ 17 ـ كۈنى كامپوفورمىئو (ھازىرقى ئىتالىيەنىڭ شەرقىي شىمالىي قىسمىدا) كەنتىدە، ناپولېئون فرانسىيە جۇمھۇرىيىتىگە ۋاكالىتە گراف كوبېنزول (1753 - 1809) ئاۋستىريە ئىمپېرىيىسىگە ۋاكالىتەن، سۈلھ شەرتنامىنى رەسمىي ئىمزالىغان. شەرتنامە ئاشكار ۋە مەخپىي ئىككى قىسىمغا بۆلۈنگەن، ئۇنىڭدا ئاۋستىرىيەنىڭ رېين دەرياسىنى فرانسىيەنىڭ چېگرىسى دەپ ئېتىراپ قىلىشى، فرانسىيە شىمالىي ئىتالىيىدە يېڭىدىن قۇرغان ئالپېس تېغىنىڭ جەنۇبىدىكى جۇمھۇرىيەتنى ئېتىراپ قىلىشى، ئەسلىدە ئاۋسترىيىگە قاراشلىق نىدىرلاند (ھازىرقى بېلگىيە) ۋە شىمالىي ئىتالىيەنىڭ يۇقىرىدا ئېيتىلغان رايونىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىشى، ئەسلىدىكى ۋېنتسىيە جۇمھۇرىيىتىنى پارچىلاپ، ئىئونىيە تاقىم ئاراللىرىنى فرانسىيىگە بېرىش، ئادىگې دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى پۈتكۈل ۋېنتسىيە ۋە ئىسىدىلىيە، دالماتسىيە، ئاۋسترىيىگە تەۋە بولۇش بەلگىلەنگەن. بۇ شەرتنامىنىڭ ئىمزالىنىشى بىرىنچى قېتىملىق فرانسىيىگە قارشى ئىتتىپاقنىڭ ئاخىلاشقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.