Uyghurئاساسىي لۇغەت
كامپاكۇ
دۇنيا تارىخى
قەدىمكى زاماندىكى ياپونىيىدە ئوردىدا تېننونىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشىغا ياردەملىشىدىغان ئەڭ ئالىي ئەمەلدار. بۇ جۇڭگونىڭ تارىخ كىتابى <خەننامە. خۇگۇاڭنىڭ تەرجىمىھالى>دىكى <ھەرقانداق ئىشنى ئاۋۋال كامپاكۇ كۆزدىن كەچۈرۈپ ئۇنىڭدىن كېيىن پەغپۇرغا يەتكۈزەتتى> دېگەن سۆزىدىن كەلگەن. يوزېئى تېننو تەختتىكى مەزگىلىدە (876 - 883) قوجىۋارانو موتوتىسونې نايىب بولغان، كوكوتېننو تەختتىكى مەزگىلدە <ئىشلارنى مەلۇم قىلىشتا، ئالدى بىلەن مەسلىھەت بولسۇن> دەپ يارلىق چۈشۈرگەن بولۇپ، كامپاكۇ دېگەن نام بولمىسىمۇ، لېكىن بۇ ئىش بولغان، ئۇدا تېننو تەختتىكى مەزگىل (887 - يىلى) گىچە، دەسلىپىدە چوڭ - كىچىك ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ھۆكۈمران كامپاكۇ باش ۋەزىرنىڭ يارلىقى بويىچە قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئەمەل قىلىنمىغان. سوساكا تېننو تەختكە چىققان (930) دا فوجىۋارا نوتاداخىرا نايىب بولغان، مىلادى 941 - يىلىغا كەلگەندە نايىب ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ كامپاكۇ تەيىنلەنگەن. مۇشۇنى ئۈلگە قىلىپ، تېننو بالىلىق ۋاقتىدا نايىب تەسىس قىلىنىپ، ياش - قۇرامىغا يەتكەندىن كېيىن كامپاكۇغا ئۆزگەرتىلگەن. نايىب بولغان. كېيىن شاھىنشاھ ھۆكۈمرانلىقى يولغا قويۇلۇپ، كامپاكۇ ئىسمى بار، جىسمى بولمىغان ئەمەل نامى بولۇپ قالغان. كاماكۇرا مەزگىلدە، فوجىۋارا جەمەتىنىڭ تارماقلىرىدىن كۇجۇ، ئىچىجو، نېجو، كونوئىې، تاكاشىدىن ئىبارەت بەش جەمەت ئۇزاققىچە كامپاكۇ بولغان. 1585 - يىلى تويوتومى ھىدېيوشىنىڭ كامپاكۇ بولۇشى ھەقىقەتەنمۇ ئادەتتىن تاشقىرى ئەھۋال. ئەمەل نامى مېيجى يېڭىلىقىنىڭ ھارپىسىغىچە داۋاملىشىپ ئېدو مەزگىلىدە توكۇگاۋا سىياگونلىرى ھاكىمىيەت ئىگىلىگەندە، ئۇنىڭ قۇرۇق نامىلا ساقلىنىپ قالغان.