Uyghurئاساسىي لۇغەت
كامپار دۆلىتى
دۇنيا تارىخى
ھىندۇنېزىيىدىكى قەدىمىي دۆلەت. سۇماترا ئارىلىنىڭ شەرقىي قىرغىقىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى كامپارغا جايلاشقان. سىرىۋىجاياغا تەۋە دۆلەت. 13 -ئەسىردە مۇستەقىل بولغان، مالاككا بوغۇزىنىڭ قىرغىقىغا جايلاشقانلىقتىن، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ پاراخوتلىرىنىڭ تولىسى مۇشۇ يەردە توختىغان. 15 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن كېيىن مالاككا دۆلىتىگە بېقىنغان.