Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
君士坦丁七世
دۇنيا تارىخى
كونىستانتىن Ⅶ
(905 - 959) ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسى ماكېدونىيە خاندانلىقىنىڭ كورۇلى (913 - 959). لېئو Ⅵ نىڭ ئوغلى. ياش ۋاقتىدىلا تەختكە چىققان. مىلادى 199 - يىلى ئۇ قېيىن ئاتىسى رومان لېكاپېن (؟ - 948)دىن تەختنى تارتىۋېلىپ، ئۆزىنى رومان Ⅰ دەپ ئاتىغان. 944 - يىلى، رومان Ⅰ چوڭ خوتۇنىدىن بولغان ئوغلى تەرىپىدىن تەختتىن چۈشۈرۈلگەن. ئىككىنچى يىلى كونستانتىن ئۆزى ھاكمىيەت باشقۇرغان. ئۇ ئىچكى جەھەتتە يەرلەرنى قوشۇۋېلىشنى چەكلەپ، يەرلىك ئاقسۆڭەكلەرنىڭ بۆلگۈنچىلىك خاھىشىنى ئاجىزلاشتۇرماقچى بولغان. تاشقى جەھەتتە بۇلغارىيە ۋە روسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بولغان دوستانە مۇناسىۋىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، مېسوپوتامىيە ۋە شىمالىي سۈرىيىدىكى ئەرەبلەر بىلەن كۈچىنىڭ بارىچە ئۇرۇش قىلىپ، بەزى رايونلارنى قايتۇرۋالغان. پەن ۋە مەدەنىيەتكە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئەسەر يېزىشنى تەشەببۇس قىلىپ، كۆپ خىل ئەسەرلەرنى نەشىر قىلدۇرغان. ئۆزىمۇ <ۋىزانتىيە ۋە ئۇنىڭغا قوشنا دۆلەتلەرنىڭ خاتىرىسى> دېگەن ئەسەرنى يېزىپ، كلاسسىك مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە تەتقىق قىلىشنى ئىلگىرى سۈرگەن.