Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
君士坦丁十一世
دۇنيا تارىخى
كونىستانتىن Ⅺ
(تەخمىنەن 1404 - 1453) ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ ئاخىرقى ئىمپېراتورى (1449 - 1453) مانۇئېل Ⅱ نىڭ ئوغلى. پلوپوننېس يېرىم ئارىلىنىڭ كۆپ قىسمى ئۇنىڭغا قاراشلىق بولغان، لېكىن 1446 - يىلى تۈركىيە سۇلتانى مۇراد Ⅱ تەرىپىدىن مەغلۇپ بولۇپ، بۇ جايدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر بولغان. 1448 - يىلى ئاكىسى - كورۇل جوننې Ⅷ (1425 - 1448 - يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) ئۆلگەندىن كېيىن تەختكە چىققان، شۇ زاماندا ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ زېمىنى ئەمەلىيەتتە كونستانتىنوپول ۋە ئۇنىڭ ئەتراپى بىلەنلا چەكلىنىپ قالغان. ئۇ پاپا ۋە ئىتالىيە شەھەر جۇمھۇرىيەتلىرىدىن قايتا - قايتا ياردەم سورىغان بولسىمۇ، ئانچە ئۈنۈم بەرمىگەن. 1453 - يىلى 5 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، تۈركىيە سۇلتانى مۇھەممەد Ⅱ كونستانتىنوپولنى ئىشغال قىلغان، كونىستانتىن Ⅺ ئۇرۇشتا ئۆلتۈرۈلگەن، ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسى مۇنقەرز بولغان.