Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
君士坦丁堡会议
دائىرە: دۇنيا تارىخىكونستانتىنوپول يىغىنى
بالقان مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن چاقىرىلغان خەلقئارالىق يىغىن. 1876 - يىل 12 - ئاينىڭ 11 - كۈنىدىن 1877 - يىل 1 - ئاينىڭ 30 - كۈنىگىچە كونستانتىنوپول (ھازىرقى ئىستانبۇل) دا ئېچىلغان. روسىيە، ئەنگلىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە، ئاۋسترىيە، ۋېنگرىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقان، روسىيە يېتەكچىلىك رول ئوينىغان. يىغىن قارارىدا تۈركىيىدىن بولغارىيە، بوسنىيە ۋە گېرتسېگو ۋېنادا ئاپتونومىيىنى يولغا قويۇش تەلەپ قىلىنغان. كېيىن تۈركىيىدە سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بەرگەچكە، تۈركىيە ئاساسىي قانۇن ئېلان قىلىدىغانلىقىنى باھانە قىلىپ، تەلەپنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغان. ئۇنىڭ مەغلۇپ بولۇشى روسىيە - تۈركىيە ئۇرۇشى (1877 - 1878) نىڭ پارتلىشىغا سەۋەب بولغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ خەنزۇچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.