Uyghurئاساسىي لۇغەت
جەنۋە
مەشھۇر شەھەرلەر
جەنۋە شۋېتسارىيىنىڭ غەربىي جەنۇبى قىسمىدا، يەنى مەنزىرىسى گۈزەل جەنۋە كۆلىنىڭ جەنۇبىدىكى رونې دەرياسىنىڭ چىقىش ئېغىزىغا جايلاشقان، جەنۋە شەھىرىدە زۇمرەتتەك كۆپكۆك سۇلار، يېشىللىققا پۈركەنگەن تاغلار، قارلىق ئېگىز تاغ چوققىلار بار بولۇپ، مەنزىرىسىنىڭ گۈزەللىكى جەھەتتە دۇنياغا داڭلىق، شۇڭا ئۇ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ساياھەتچىلەر تەلپۈنىدىغان جاي ھېسابلىنىدۇ.
جەنۋە شەھىرىنىڭ كۆلىمى161 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئۇنىڭدا ياۋروپانىڭ كلاسسىك شەھەر ئالاھىدىلىكى بار. رونې دەرياسى جەنۋە شەھىرىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتۈپ، شەھەرنى ئىككى بۆلەككە بۆلۈپ تۇرىدۇ، يەنى دەريانىڭ سول قىرغىقى كونا شەھەر رايونى، ئوڭ قىرغىقى يېڭى شەھەر رايونىدۇر.
كىچىك تاغ ئۈستىگە سېلىنغان سىنت - پيېتېر ئىبادەتخانىسى كونا شەھەرنىڭ شەھەر مەركىزدە. ئۇ12 - ئەسىردىن قېپقالغان قەدىمكى يادىكارلىق. ئىبادەتخانا ئەتراپىدىكى قۇرۇلۇشلار ئىنتايىن زىچ، يىرىك شېغىل تاشلار ياتقۇزۇلۇپ ياسالغان كوچىلىرى ئىنتايىن تار، يول بويلىرىدا قەدىمىي ئاسارئەتىقىلەر دۇكىنى، سائەت دۇكىنى، ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرى دۇكىنى قاتارلىقلار بار. بۇ يەر500 يىل ئىلگىرىكى ئەسلىي قىياپىتىنى ساقلاپ قالغان. كونا شەھەر ئايىغىغا جايلاشقان بلانك چوققىسىدىكى كۆۋرۈك بېشىدا دۇنياغا مەشھۇر گۈل سائەت بار. بۇ ناھايىتى ئۆزگىچە چوڭ سائەت، سائەتنىڭ زاپچاسلىرى يەر ئاستىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان، پەقەت سائەتنىڭ سائەت ئىسترېلكىسى ۋە مىنۇت ئىسترېلكىسىلا يەر ئۈستىدە. سائەتنىڭ يۈزىدىكى شكالا، ئەرەب رەقىمى، رامكا قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى يېڭى ئېچىلغان گۈللەردىن تەشكىل تاپقان، ئۇنىڭ يەنە مۇزىكىلىق ۋاقىت ئېلان قىلىش قۇرۇلمىسىمۇ بار.
كونا شەھەردىن مېڭىپ بلانك چوققىسىدىكى كۆۋرۈكتىن ئۆتسىڭىز، يېڭى شەھەر رايونىغا كىرىسىز. يېڭى شەھەر رايونىنىڭ يوللىرى كەڭ ھەم رەتلىك، ھەممىلا يېرىدە ئېگىز قەۋەتلىك زامانىۋى بىنالارنى ۋە ھەر خىل گۈللەر ئۆستۈرۈلگەن باغچىلارنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. يول ياقىلىرىدا يەنە نۇرغۇن يېڭى پاسوندىكى ماگىزىن ۋە تاللا بازارلىرى بار. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ياۋروپادىكى باش شتاب بىناسى − دۆلەتلەر سارىيى مۇشۇ يېڭى شەھەر رايونىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى ئالئانا باغچىسىدا. بۇ يەر ئەسلىدە توز باغچىسى ئىدى، بۇ يەردە ھازىرمۇ توز بېقىلىدۇ.
رونې دەرياسىنى بويلاپ جەنۋە شەھىرىنىڭ شەرقىي شىمال چېتىگە كەلسىڭىز، كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان جەنۋە كۆلىنى كۆرىسىز. جەنۋە كۆلى يەنە لېمان كۆلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ ئالپ تېغى رايونىدىكى ئەڭ چوڭ كۆل، ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى72 كىلومېتىر، كەڭلىكى8 كىلومېتىر، كۆلىمى580 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئۇنىڭ شەكلى ھىلال ئايغا ئوخشىشىپ قالىدۇ، جەنۇبىي قىرغىقىدا ئاپئاق قارلىق چوققىلار بار، كۆل ئەتراپىدا باغچىلار كۆپ، ئۇ يەردىكى خىلمۇخىل سېلىنغان داچىلار باغچىلارغا يېڭى تۈس قوشقان.
جەنۋە كۆلى سۈيىنىڭ ئوتتۇرىچە چوڭقۇرلۇقى80 مېتىر، ئەڭ چوڭقۇر جايى310 مېتىر كېلىدۇ. كۆل سۈيى كۆپكۆك بولۇپ، خۇددى كۆكتارغاق (قۇش) نى تىزىپ قويغاندەك كۆرۈنىدۇ. كۆل ئوتتۇرىسىغا ئېگىزلىكى130 مېتىر كېلىدىغان فونتان ياسالغان. كۆل رايونى يەنە سۇ قۇشلىرىنىڭ تەبىئىي باغچىسى، توپ - توپ ئاق كەپتەرلەر كۆل بويىدا ئۇچۇپ يۈرۈشىدۇ،5000 دىن ئارتۇق ئاق قۇ بىلەن چايكا ۋە ياۋا ئۆردەكلەر كۆلدە بىر - بىرىنى قوغلىشىپ ئويناپ يۈرۈشۈپ، تىنچلىققا چۆمگەن ئازادە كەيپىياتنى ھاسىل قىلغان. بۇ سۇ ئۈستى «ئاھالىلىرى» جەنۋە خەلقىنىڭ ياخشى قوغدىشىغا ئېرىشمەكتە شۇنداقلا تىنچلىق ۋە بەختتىن تولۇق بەھرىمەن بولماقتا. ھەر قېتىم ئاق قۇلارنىڭ چۈجە چىقىرىش پەسلى يېتىپ كەلگەندە، كۆل بويىدىكى ئاھالىلەر ئاق قۇلارنىڭ ئۇۋا ياسىشى ئۈچۈن قۇرۇق ئوت، سامان، پاختا، بۇلۇت ۋە سۇلياۋلارنى ئەكېلىپ بېرىدۇ؛ باش باھار يېتىپ كېلىشى بىلەن ئاق قۇ باچكىلىرى تۇخۇمدىن چىققاندا شەھەر ئاھالىلىرى ئۇلارغا بولكا، تورت ۋە سۈت قاتارلىق ئوزۇقلۇقلارنى ئەكېلىپ بېرىدۇ؛ ئەگەر ئاق قۇلار ئاغرىپ قالسا، كىشىلەر ئۇلارنى قويۇنلىرىغا سېلىپ دوختۇرخانىلارغا ئاپىرىدۇ.
جەنۋە يەنە خەلقئارالىق شەھەر، پۈتۈن شەھەردىكى300 مىڭدىن ئارتۇق نوپۇسنىڭ3 /1 ى چەت ئەللىك. نۇرغۇن خەلقئارالىق يىغىنلار جەنۋەدە ئېچىلىدۇ، نۇرغۇن شەرتنامىلەر بۇ يەردە ئىمزالىنىدۇ، نۇرغۇن خەلقئارالىق تەشكىلاتلار جەنۋەدە قۇرۇلغان. دۇنيادىكى مەنزىرىلىك ساياھەت شەھىرى — جەنۋە يەنە مۇھىم خەلقئارالىق پائالىيەت سورۇنىدۇر.
دۇنيادىكى شەھەرلەر
شۋېتسارىيىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان خەلقئارالىق شەھەر. جەنۋە شەھىرى جەنۋە كۆلىنىڭ غەربى جەنۇبىي قىرغىقىغا، دوناي دەرياسىنىڭ كۆلدىن ئېقىپ چىقىش ئاغزىغا جايلاشقانلىقى ئۈچۈن، تەبىئىي مەنزىرىسى بەك گۈزەل، ھاۋاسى يېقىملىق بولۇپ، <ساياھەتچىلەرنىڭ ئەڭ غايىلىك جايى> دەپ ئاتىلىدۇ. بۇجايغا ھەر يىلى چەت ئەللەردىن ساياھەتكە كېلىدىغانلار ئىككى مىليوندىن ئاشىدۇ. شەھەر ئاھالىسى 323 مىڭدىن ئوشۇق بولۇپ، شۋېتسارىيە بويىچە سيورىخ، بازىل شەھەرلىرىدىن قالسا ئۈچىنچى چوڭ شەھەر ھېسابلىنىدۇ. جەنۋە شەھىرىنىڭ قۇرۇلۇشى بەك رەتلىك ھەم چىرايلىق بولۇپ، تاغ شەھىرىگە بىر خىل يېڭى ھۆسن كىرگۈزۈپ تۇرىدۇ. جەنۋە قەدىمىي شەھەرلەرنىڭ بىرى. مىلادىدىن بۇرۇنقى بىرىنچى ئەسىردە ئاساس سېلىنغان، 1815 - يىلى شۋېيتسارىيە بىرلەشمىسىگە قوشۇلغان. 1945 - يىلى شەھەرنىڭ دائىرىسى كېڭىيىپ ھازىرقى ئاساس بارلىققا كەلگەن. جەنۋە شۋېيتسارىيە بويىچىلا ئەمەس، دۇنيا بويىچىمۇ ئاتاقلىق پۇل مۇئامىلە، مەدەنيەت ۋە سانائەت مەركىزى. شەھەردە نۇرغۇنلىغان ھەرخىل تىپتىكى ئالىي بىلىم يۇرتلىرى، ئاتاقلىق ئەدەبىي سەنئەت ئورۇنلىرى، نۇرغۇنلىغان زامانىۋى مېھمانخانىلار، مۇزېيخانىلار، چېركاۋلار بار. بۇ جايدا قۇرۇلغان تەرجىمانلارنى تەربىيىلەش شۆيۈەنىدە 26 خىل تىلدا دەرس ئۆتۈلىدۇ، بۇ مەكتەپ خەلقئارا تەشكىلاتلار، خەلقئارا يىغىنلار ئۈچۈن تەرجىمان تەربىيلەيدۇ. جەنۋە مۇھىم خەلقئارالىق شەھەر. بۇ جايدا ب. د. ت نىڭ مۇھىم خەلقئارا يىغىنلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ شەھەردە يەنە خەلقئارا قىزىل كرېست جەمئىيىتى، ب. د. ت نىڭ ياۋروپا ئىش باشقۇرۇش ئورنى، ياۋروپا ئاتوم ئېنېرگىيە مەركىزى، خەلقئارا تېلېگراف بىرلەشمىسى، خەلقئارا مېترولوگىيە تەشكىلاتى قاتارلىق 100 دىن ئوشۇق تەشكىلات بار. جەنۋە شەھىرىنىڭ ئەنئەنىۋى سانائەت تارمىقى سائەتچىلىك ۋە ئۈنچە - مەرۋايىت سەنائىتىدىن ئىبارەت. جەنۋەدە 1587 - يىلدىن باشلاپ سائەت ئىشلەپچىقىرىلىشقا باشلىغان. ھازىر ئىشلەپچىقارغان سائەتنىڭ %95 تى چەت ئەللەرگە ئېكسپورت قىلىدۇ. بۇلاردىن باشقا نازۇك ئەسۋابلار، ئېلېكتر ماشىنىلىرى، پەرداز بۇيۇملىرى، نەشرىياتچىلىق، خىمىيە، يېمەك - ئىچمەك قاتارلىق سانائەتلىرىمۇ زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان. شەھەر رايونىدا ئۈزۈمچىلىك ۋە ھاراق ئىشلەش مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ.