Uyghurئاساسىي لۇغەت
جەنۇبىي ئافرىقا قانۇن لاھىيىسى
دائىرە: دۇنيا تارىخىئەنگىلىيەنىڭ ئافرىقىنىڭ جەنۇبىدىكى تۆت مۇستەملىكە ۋە ئاپتونومىيە ئوبلاستىدا ئىتتىپاق تەشكىللەش قانۇن لايىھىسى. 1909 - يىلى9 - ئايدا ئەنگىلىيە پارلامېنتى ماقۇللىغان. قانۇن لايىھىسىدە، كاپې مۇستەملىكىسى، ترانسىۋال، ئورانگې ۋە ناتال قاتارلىقلارنى قوشۇپ جەنۇبىي ئافرىقا ئىتتىپاقى قىلىشنى، ئاق تەنلىكلەرنىڭ ئىتتىپاق پارلامېنتىنى تەسىس قىلىشنى بەلگىلىگەن. غەيرىي ئاق تەنلىكلەر ۋە باشقا رەڭلىك ئىرقلارنىڭ سايلام ھوقۇقى تارتىۋېلىنغان. پرېتورىيىدە مەمۇرىي ھاكىمىيەت ئورگىنى تەسىس قىلىنغان، كاپېتوندا پارلامېنت، بولومفونتېندا سوت مەھكىمىسى تەسىس قىلىنغان. جەنۇبىي ئافرىقا قانۇن لايىھىسى 1910 - يىلى 5 - ئاينىڭ 31 - كۈنى رەسمىي كۈچكە ئىگە بۈلۇپ، جەنۇبىي ئافرىقائىتتپاقى قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.