Uyghurئاساسىي لۇغەت
جەنۇب بىلەن شىمال ئۇرۇشى
دۇنيا تارىخى
ئامېرىكا ئىچكى ئۇرۇشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 1861 - 1865 يىلغىچە ئامېرىكا قوشما شتات ھۆكۈمىتىنىڭ جەنۇب تەرەپتىكى ئېكىنزارلىق قۇلدارلىرىنىڭ قوراللىق توپلىڭىغا قارشى تۇرۇپ، قوشما شتاتنىڭ بىرلىكىنى قوغداش ئۇرۇشى. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى، ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىدىكى ئېكىنزالىقلاردىكى قۇللۇق تۈزۈمى بىەن شىمالدىكى بۇرژۇئازىيە ياللانما ئەمگەك تۈزۈمى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت سىياسىي، ئىقتىسادىي جەھەتتىكى قارىمۇ قارشىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغن. 1860-يىلى نېگىرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈلگەن قۇللۇق تۈزۈمگە قارشى تۇرغۇچى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسنىڭ ئەزاسى لىنكولىن زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان، جەنۇبتا قۇللۇق تۈزۈمنى ساقلاپ قالغان شتات جەنۇبىي كارولىنا ئالدى بىلەن قوشما شتاتتىن ئايرىلىپ چىققان، ئارقىدىنلا گېئورگىيە، ئالاباما، فلورىدا، مىسسىسىپى، لۇيىس ئاننا ۋە تىكساس قاتارلىقلارمۇ كەينى - كەينىدىن ئايرىلىپ چىققانلىقىنى جاكارلىغان ھەمدە 1861 - يىلى 2 - ئاينىڭ 8 - كۈنى <ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ئىتتىپاقى> ھۆكۈمىتىنى قۇرۇپ - قىسقارتىلىپ <جەنۇبىي ئىتتىپاق> دەپ ئاتىلىدۇ(، داۋىد. جېففېرسوتنى زۇڭتۇڭلۇققا سايلاپ، ئاساسىي قانۇن تۈزۈپ، ئاشكارا ھالدا دۆلەتنى پاچىلىغان. 4-ئاينىڭ 12-كۈنى جەنۇب ئىتتپاقى ئارمىيىسى سۇمتېر قەلئەسىنى توپقا تۇتۇپ، ئىچكى ئۇرۇش قوزغىغان. لىكولىن ھۆكۈمىتى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى جازا يۈرۈشى قىلىش بۇيرۇقى چۈشۈرگەن، ئاخىرئىچكى ئۇرۇ ش پارتلىغان. ئۇزۇن ئۆتمەي ۋىگىنىيە، شىمالىي كرولىنا، تېننېسسې ۋە ئاركانزاس قاتارلىق تۆت شتات قوشما شتاتتىن چېكىنىپ چىقىپ، جەنۇب ئىتتىپاقىغا قاتناشقان. ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرى، جەنۇب ئارمىيىسى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن. 7-ئايدا، موناساس جېڭىدە قوشما شتات ئارمىيىسى زور چىقىمغا ئۇچرىغان. كېيىن لىنكولن ھۆكۈمىتى ئارمىيىنى قايتىدىن رەتكە سېلىپ، 1862-يىلى 2-ئايغا كەلگەندە ھۇجۇم باشلىغان. غەربىي سەپتە گرانت قوماندانلىقىدىكى ئارمىيە مىسسىسىپى دەرياسىنىڭ جەنۇبىنى بويلاپ ھۇجۇمغا ئۆتكەن، جەنۇب تەرەپتە پاتېلې قوماندانلىقىدىكى ئارمىيە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ياردىمى بىلەن ئورلېئاندىن قۇرۇقلۇققا چىققان؛ شەرق تەرپەتىكى قوشما شتات دېڭىز ئارمىيىسى دېڭىز بويلىرىنى قامال قىلىۋالغان، شىمالىي سەپتىكى قوشما شتات ئارمىيىسىنىڭ ئاساسلىق كۈچى يېرىم ئارالدىكى جەڭدە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان. كېيىن لىنكولىن ئاكتىپ تەدبىر قوللانغان. 1862-يىلى 5-ئايدا <يەر - جاي قانۇنى> نى ئېلان قىلغان، 9-ئايدا <نېگىر قۇللارنى ئازات قىلىش خىتابنامىسى> نى ئېلان قىلغان، شۇنىڭ بىلەن ئىشچىلار، دېھقانلار ۋە نېگىرلارنىڭ ئۇرۇشقا قاتنىشىش ئاكتىپچانلىقى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن. 1863 - يىلى 7-ئايداقوشما شتات ئارمىيىسى گېتتېسبۇرگ جېڭى، ۋىكىسبۇرگ جېڭىدە غەلىبە قىلغان. 1864-يىلى 3-ئايدا، لىنكولىن گرانتنى پۈتكۈل ئارمىيىنىڭ باش گېنېراللىقىغا كۆتۈرگەن. 1864-يىلى 5-ئايدا سىرمان قوشما شتات ئارمىيىسىنىڭ 100 مىڭ كىشىلىك قوشۇنىنى باشلاپ، جەنۇبقا يۈرۈش قىلغان. 1865-يىلى 4-ئاينىڭ 3-كۈنى، گرانت جەنۇب ئىتتىپاقىنىڭ پايتەختى رىسموندنى ئىشغال قىلغان. 9-كۈنى جەنۇبتىكى بىرلەشمە ئارمىيىنىڭ قومداندانى روبېرت لې )1807 - 1880( تەسلىم بولۇپ، ئۇرۇش ئاياغالاشقان. جەنۇب - شىمال ئۇرۇشى ئامېرىكا بۇرژۇئازىيە دېموكراتىك ئىنقىلابىنىڭ داۋامى بولۇپ، ئامېرىكا كاپىتالىزمنىڭ تېخىمۇ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن توسالغۇلارنى تۈگەتكەن.