Uyghurئاساسىي لۇغەت
جەنۋە يىغىنى
دۇنيا تارىخى
(1) چاۋشيەن مەسىلىسىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىش ۋە ھىندىچىنىنىڭ تىنچىلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلىش يىغىنى. 1954-يىل 4-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 21-كۈنىگىچە جەنۋەدە ئېچىلغان. 4-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن، 6-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە چاۋشيەن مەسىلىسى مۇھاكىمە قىلىنغان. يىغىنغا چاۋشيەن، جۇڭگو، سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە چاۋشيەنگە تاجاۋۇز قىلغان ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى 15 دۆلەت ھەمدە جەنۇبىي چاۋشيەننىڭ لېسىنمان گۇرۇھى قاتناشقان. يىغىندا چاۋشيەن، جۇڭگو قاتارلىق دۆلەتلەر چاۋشيەن دۆلىتىنىڭ بىرلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەمدە پۈتۈن چاۋشيەننىڭ ئەركىن سايلىمىنى ئۆتكۈزۈش قاتارلىقلار توغرىىدىكى لايىھىنى، بارلىق چەت ئەل قوشۇنلىرى پۈتۈن چاۋشيەن سايلىمىدىن بۇرۇن چاۋشيەندىن چىقىپ كېتىش كېرەكلىكىنى، بۇنىڭ بىلەن چاۋشيەنىكلەرنىڭ ھەرقانداق چەت ئەل مۇداخىلىسىگە ئۇچرىماسلىقنى، پۈتۈن مەملىكەت سايلام ئارقىلىق چاۋشيەننىڭ بىرلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئوتتۇرىغاق ويغان. لېكىن ئامېرىكا ۋە لېسىنمان گۇرۇھى بۇنى رەت قىلغان؛ ئامېرىكا تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ چاۋشيەنگە تاجاۋۇز قىلغان دۆلەتلەرنى يىغىپ، 16 دۆلەت ئورتاق خىتابنامىسىنى ئېلان قىلىپ، مۇزاكىرىنى ئۈزۈپ قويغان. 5-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 21-كۈنىگىچە ھىندىچىنى مەسىلىسى مۇھاكىمە قىلىنغان، بۇنىڭغا جۇڭگو، سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا، ئەنگلىيە فرانسىيە ھەمدە ۋيېتنام دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى، كامبودژا، لائوس ۋە جەنۇبىي ۋيېتنام قاتناشقان. يىغىن فرانسىينىڭ ھىندىچىنى دۆلەتلىرىنىڭ مىللىي ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىش ئاساسىدا، ھىندىچىنىنىڭ تىنچىلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېلىشىمىنى ھاسىل قىلغان، لېكىن ئامېرىكا قول قويۇشتىن باش تارتقان ھەمدە ئۆز ئالدىغا بايانات ئېلان قىلغان. <جەنۋە كېلىشىمى (1)> گە قارالسۇن. (2) لائوس مەسىلىسىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشنى مۇھاىكمە قىلىش ئۈچۈن ئېچىلغان كېڭەيتىلگەن يىغىن. <كېڭەيتىلگەن جەنۋە يىغىنى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 6119-يىل 5-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن ئىككىنچى يىلى 7-ئاينىڭ 23-كۈنىگىچە جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلگەن. ئامېرىكا 1954-يىلىدىكى جەنۋە كېلىشىمىگە خىلاپلىق ىلىپ، لائوسقا مۇداخىلە ۋە تاجاۋۇز قىلغان ھەمدە 1960-يىلى لائوس ئىچكى ئۇرۇشىنى قوزغىغان. لائوس مەسىلىسىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىش ئۈچۈن، 1954-يىلى جەنۋە يىغىنىنىڭ قاتناشقۇچىلىرى - لائوس، كامبودژا، ۋيېتنام دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى، جۇڭگو، فرانسىيە، ئەنگلىيە، ئامېرىكا، سوۋېت ئىتتىپاقى، جەنۇبىي ۋيېتنام ھەمدە ھىندىستان، كاندا، پولشا، تايلاند ۋە بىرما قاتارلىقدۆلەتلەر جەنۋەدە بۇ قېتىمقى يىغىننى ئۆتكۈزگەن. بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت داۋاملاشقان كۈرەش ئارقىلىق، يىغىن ئاخىر <لائوسنىڭ بىتەرەپلىكى توغرىسىدىكى خىتابنامە> ۋە <لائوسنىڭ بىتەرەپلىكى توغرىسىدىكى خىتابنامىنىڭ كېلىشىمنامىسى> نى رەسمىي ئىمزالىغان. <جەنۋە كېلىشىمى (2)> گە قارالسۇن.