Uyghurئاساسىي لۇغەت
جاپپار
چەت ئەل تەنتەربىيە چولپانلىرى
ئامېرىكا كەسپىي ۋاسكېتبول چولپىنى ئابدۇل جاپپار دۇنيا ئېتىراپ قىلغان ئەڭ ئاتاقلىق ۋاسكېتبول تەنھەرىكەتچىسى بولۇپ، ۋاسكېتبول ساھەسىدە
«يادرو بومبا» دەپ ئاتالغان.18
ياش ۋاقتىدا جاپپار لوس - ئانژېلېس ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئىمتىھان بېرىپ كىرىپ، ئوتتۇرا ھۇجۇمچىلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ. جاپپار تولۇپ تاشقان جىسمانىي قۇۋۋەتكە ئىگە بولۇپ،40 مىنۇتلۇق كەسكىن ئېلىشىشتا باشتىن - ئاخىر ئىنتايىن ئەركىن - ئازادە، يەڭگىل ئوينايتتى. بىر قېتىم ئۇ سەپداشلىرى بىلەن مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، زور ئۈستۈنلۈكتە غەلىبە قىلىدۇ. كۈتۈلمىگەن يەردىن، ئەتىسىدىكى گېزىتتە كۈچەپ ئوينىمىدى دەپ ئەيىبلىنىدۇ. بۇنىڭغا جاپپارنىڭ باشتىن - ئاخىر ئازراقمۇ چارچىمىغانلىقى چىقىپ تۇرغان قىياپىتى سەۋەب بولغانىدى.
ئۇ ئۇنىۋېرسىتېتنى تاماملىغاندىن كېيىن، كەسپىي كوماندىغا قاتنىشىدۇ.20 يىللىق ۋاسكېتبول ھاياتىدا ئۇنىڭ گارغا يۆگەپ توپ سېلىشى يۈزدەيۈز دېگۈدەك ئۈنۈملۈك بولغان. ئۇ كۆپ قېتىم ۋاسكېتبولدىكى يېڭى رېكورتلارنى ياراتقان.1980 - يىلى تارىختىكى ئەڭ ياخشى سەپكە كىرگۈزۈلگەن. بۇ قېتىملىق باھالاشتا ۋاقىت چېكى بۇزۇپ تاشلانغان بولۇپ، تارىختىكى ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك بەش كىشىلىك سەپ تاللاپ چىقىلغان. ئالتە قېتىم ئامېرىكا دۆلەتلىك ۋاسكېتبول كېڭەشمىسىنىڭ ئەڭ ياخشى تەنھەرىكەتچىسى بولۇپ باھالانغان. ئون قېتىم ئامېرىكا دۆلەتلىك ۋاسكېتبول كېڭەشمىسىنىڭ ئەڭ ياخشى سېپىگە تاللانغان. ئالتە قېتىم ئامېرىكا بويىچە كەسپىي ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى ئالغان، ئۇدا ئىككى يىل ئەڭ ياخشى نومۇر ئالغۇچى بولغان، تۆت يىل ئەڭ ياخشى توپ قامال قىلغۇچى بولغان. ئۇ قاتناشقان كوماندا19 قېتىم ئامېرىكا بويىچە چولپان كوماندا بولغان. كەسپىي بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتناشقان كوماندا ئەزالىرىنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىش يىلى بويىچە رېكورت ياراتقان، يەنى20 يىل مۇسابىقىگە قاتناشقان. كەسپىي بىرلەشمە مۇسابىقىدە جەمئىي38387 نومۇر ئېلىپ، نومۇر ئېلىش رېكورتىنى ياراتقان، كەسپىي بىرلەشمە مۇسابىقىگە جەمئىي1560 مەيدان چۈشۈپ. مەيدان سانىدا رېكورت ياراتقان، كەسپىي بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە جەمئىي3189 قېتىم توپ قامال قىلىپ رېكورت ياراتقان.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەرەبچە
جاپپار
دائىم مەجبۇر قىلغۇچى؛ كۈچلۈك
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
<جاببار>
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
ئۈرۈمچىدىكى <تىيانشان>، <يۈەنشىن> قاتارلىق چىڭچاڭ تىياتىر ئۆمەكلىرىدە چىڭچاڭ <ئەر خۇاڭ> ناخشىلىرىنى ئېيتىپ جامائەتچىلىككە تونۇلغان. ئۇيغۇر ئارتىسى جاپپار ئەسلىدە قاسساپ ئىدى. ئۇ، كۈندۈزى قاسساپلىق قىلىپ كەچتە ئۇيۇن قوياتتى. ئۇ، گۆش ساتقاندا پىچاق بىلەن بىلەي ۋە جىڭ پەللىسىنى مۇزىكا ئورنىدا چېلىپ، خەنزۇلارنىڭ كلاسىك مۇزىكىلىرىنى قوشاققا قوشۇپ ئوقۇش بىلەن خېرىدارلارنى ئۆزىگە جەلىپ قىلاتتى. ئۇ، شىنجاڭ خەنزۇلىرىنىڭ يەرلىك ناخشىلىرىنىمۇ ئوبدان ئېيتىپ قالماستىن، ئىچكى ئۆلكىلەرنىڭ ناخشىلىرىنىمۇ ئوبدان ئېيتىپ قالماستىن، ئىچكى ئۆلكىلەرنىڭ ناخشىلىرىنىمۇ ئوبدان ئېيتالايتتى ھەمدە خەنزۇ تىياتىرلىرىدا باش رول ئالاتتى. ئۇ <سۇ سېتىش>، <خۇمدان>، <سارايغا كىرىش>، <خۇاشەننى سېتىش>، <ئايالنى ئازاد قىلىش> قاتارلىق خەنزۇ كلاسىك تىياتىرلىرىدا ئاساسلىق روللارنى ئوينىغان. ئۇ <قېرى بىلەن ياشنىڭ خوتۇن ئالماشتۇرۇشى> دېگەن تىياتىرىدا قېرى خوتۇننىڭ رولىنى ناھايىتى مۇۋەپپىقىيەتلىك ئېلىپ چىققان. جاپپار چاڭچىلە ناخشىلىرىنى ئېيتىش، كلاسىك تىياتىرلاردا باش روللارنى ئېلىشتىن تاشقىرى ئىجادىيەت بىلەنمۇ شۇغۇللانغان. ئۇ، خەنزۇ تىياتىر ئۆمەكلىرى ئۈچۈن بىر قانچە كومېدىيىلىك ئەسەرلەرنىمۇ ئىجاد قىلىپ بەرگەن ھەم خەنزۇچە - ئۇيغۇرچە قاپىيە ئارىلاشتۇرۇلۇپ بىر قانچە قىزىقارلىق ناخشا ئىجاد قىلغان. بۇ ناخشىلار ئەينى چاغلاردا ياشلار ئارىسىغا تېز تارالغان. بەزى پېشقەدەملەر ھازىرغىچە ئۇنى ئەسلەپ، زوق - شوخ بىلەن ئۇنىڭ تەرىپىنى قىلىشىدۇ.
كېيىنكى يىللاردا جاپپار كۆپلىگەن ناخشىچى ۋە تىياتىر ئارتىسلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىدۇ. ھازىر خەنزۇ تىياتىر ئۆمەكلىرىدە تەربىيىچىلىك قىلىۋاتقان نۇرغۇن پېشقەدەم خەنزۇ ئارتىسلار:<بىز جاپپارنىڭ شاگىرتى> دەپ پەخىرلىنىدۇ.