Uyghurئاساسىي لۇغەت
جاپا
مەنىداش سۆزلۈكلەر
جىسمانىي ئېزىلىش، ئازابلىنىش.
نەۋرىسى يوقنىڭ جەبرىسى يوق. جاپاسى كۆپ، ھالاۋىتى يوق. ئانىجان يادىمدىدۇر، ئاق سۈت بېرىپ باققانلىرىڭ، كېچىلەردە ئۇخلىماي جەبىر _ جاپا تارتقانلىرىڭ. جاپا _ مۇشەققەت ئادەم تاۋلايدىغان ئالىي مەكتەپتۇر. تىجارەتتە رىيازەت بولىدۇ. ھەرەجنىڭ ئەجرى بار.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن قىينىلىش - قىسىلىش، كۆڭۈلسىز مۇھىتتا ياشاش.
راھەت، پاراغەت، راھەت - پاراغەت، ھۇزۇر، ھالاۋەت، ھۇزۇر - ھالاۋەت
روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن ئېچىلىش - يايراش، كۆڭۈللۈك مۇھىتتا ياشاش.
مېھنەتنىڭ تېگى راھەت. سالقىندا يالقۇن راھەت، ئىسسىقتا سالقىن راھەت. جاپا چەكمىگۈچە پاراغەت يوق. راھەت - پاراغەت ئىرادىنى بوشاشتۇرىدۇ. زالىم زالىمغا جەبرى سالار. ھالاۋەت بىلەن مۇشەققەت دائىم بىللە. كىشىلىك تۇرمۇش ھۇزۇر - ھالاۋەت ئەمەس، جاپا - مۇشەققەت چېكىدىغان خىزمەت. سۆز ئازابىدىن ئېغىر ئازاب يوق. ئادالەت زالىملارغا ئوقۇبەت، جاپاكەشلەرگە بەرگەي پاراغەت. رىيازەت چەكمىگەن ئالىم بولالماس. جاپا - مۇشەققەت - غەلىبىنىڭ باشلامچىسى. رىيازىتى كۆپ، ھۇزۇرى ئاز. كىشىلەر ياش ۋاقتىدا ساغلام بولغىنى ئۈچۈن پۇل تاپىدۇ، تېرىغاندا سالامەتلىكى ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ. ئەمىسە، ئۇنىڭ ھالاۋىتىنى قاچان كۆرىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىكى ئازاب - ئوقۇبەت، كۈلپەت، مۇشەققەت، قىيىنچىلىق، ئېغىرچىلىق.
جاپا تارتماق.
ياخشىدىن جاپا كەلمەس، ياماندىن ۋاپا كەلمەس (ماقال).