Uyghurئاساسىي لۇغەت
جاپا چەكمەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئېغىرچىلىق، قىيىنچىلىقلارنى باشتىن كەچۈرمەك.
كىمكى جاپا چەكمىدى، راھەتكىمۇ يەتمىدى. جاپا تارتىپ تاپقان شەرەپ ئاسانلىقچە ئۇنتۇلماس. جاپا _ مۇشەققەت چەكمىگەن ئاشىق مېھىر _ مۇھەببەتنىڭ قەدرىگە يەتمەس. ھەرەج تارتساڭ ئەجىر ئالىسەن. مۇشەققەت چەكسەڭ، مۇسىبەت كۆرمەيسەن. رىيازەت چەكمىگەن ۋاپانىڭ قەدىرىگە يەتمەس.
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ئازاب - ئوقۇبەتتە قالماق، مۇشەققەت، قىيىنچىلىق تارتماق: مۇشەققەت تارتمىغۇچە راھەتكە يېتىش تەس. ياخشلىقىمۇ ئەلۋەتتە ياخشى ئىش، لېكىن ياماننى كۆرمەي ياخشىنىڭ قەدرىنى بىلگىلى بولمايدۇ. كىشى جاپا تارتمىسا، راھەتنىڭ قەدرىگە يەتمەيدۇ.