Uyghurئاساسىي لۇغەت
جامائەت مەنپەئىتى ئىتتىپاقى
دائىرە: دۇنيا تارىخى1461 - يىلى فرانسىيىدىكى چوڭ فېئوداللار قۇرغان ئىتتىپاق بولۇپ، فرانسىيە كورۇلى لۇئى Ⅺ نىڭ ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈش سىياسىتىگە قارشى تۇرۇشنى مەقسەت قىلغان. بۇ ئىتتىپاققا بۇرگند گېرتسوگى چارلېس ( چوڭ يۈرەك) باشچىلىق قىلغان. ئىتىپاق ئۆزلىرىنى <جامائەت مەنپەئىتى> نى قوغدىغۇچىلار دەۋالغاچقا شۇنداق دەپ ئاتالغان. 1465-يىلى لۇئى Ⅺ ھەربىي ھەرىكەتتە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ، ئىتتىپاق بىلەن سۈلھ تۈزۈشكە مەجبۇر بولۇپ، مەلۇم جەھەتلەردىن يول قويغان. مەسىلەن: سوممې دەرياسىنىڭ (فرانسىيىنىڭ شىمالىي تەرىپىدە) بويىدىكى شەھەرلەرنى چارلېس (چوڭ يۈرەك) قا بۆلۈپ بەرگەن. كېيىن لۇئى Ⅺسۆھبەتلىشىش، سېتىۋېلىش قاتارلىق ۋاستىلەرنى قوللىنىپ، ئىتتىپاقنى پارچىلىغان. 1477-يىلى فرانسىيە شۋېتسارىيە بىلەن لتررىن بىرلەشمە ئارمىيىسىنى قوللاپ، چارلېسنى (چوڭ يۈرەك) مەغلۇپ قىلىپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.