Uyghurئاساسىي لۇغەت
جامائەت كارخانىلىرىنىڭ ئىش تاشلاش قانۇنى
دائىرە: دۇنيا تارىخى1909 - يىلى ياش تۈركىيە پارتىيىسى ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان ئىشچىلار بىلەن كاپىتالىستلار ئوتتۇرىسىدىكى ماجىرالارنى بىر تەرەپ قىلىش پەرمانى. ئۇنىڭدا: ئىشچىلار ئىش تالاشتىن ئىلگىرى ھۆكۈمەتتىن كېلىشتۈرۈپ قويۇشنى تەلەپ قىلىشى كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن. 1910 - 1911 - يىللىرى ياش تۈركىيە پارتىيىسى ھۆكۈمىتى مۇشۇ قانۇننى تەتبىقلاپ، ئىشچىلارنىڭ كۆپ قېتىملىق ئىش تاشلىشىنى باستۇرغان. 1913 - يىلدىن كېيىن ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ بارلىق ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى تارقىتىۋېتىلگەن
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.