Uyghurئاساسىي لۇغەت
جامائە
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئەسلى باشلانغۇچ جەمئىيەتتە جەمئىيەت ئەزالىرى بىرلىكتە ئىشلەپچىقىرىپ، بىرلىكتە ئىستېمال قىلىدىغان ئىجتىمائىي تەشكىلات ئىدى. كېيىن كەڭ مەنە ئالدى.
«گۇڭشىې» خەنزۇچە: 公社
پارىژ كوممۇنىسى 1874 - يىل 18- مارتتىن 28- مايغىچە ھۆكۈم سۈرگەن. ئىنسانىيەت ناھايىتى ئۇزاق زامان جامائەت تۇرمۇشىنى كەچۈرگەن. جۇڭگودا خەلق گۇڭشېسى ھاكىمىيەت بىلەن ئىگلىك باشقۇرۇش بىرلەشتۈرۈلگەن تەشكىلات ئىدى. ئۇ 1958 - يىلدىن باشلاپ قۇرۇلۇپ، پارتىپە 11 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 - ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن ئەمەلدىن قالدى.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
« مەسچىت تەۋەلىكى »، « جامائەت » مۇ دېيىلىدۇ. جۇڭگودا مۇسۇلمانلار ( ئاساسلىقى خۇيزۇلار ) مەسچىتنى مەركەز قىلىپ توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلار بۇرۇن شۇنداق دېيىلگەن. ئۇلار مۆتىۋەللى تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، مۇدرىيەت قاتارلىق باشقۇرۇش تەشكىللىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۆز مەسچىتىنىڭ تەۋەسىدىكى مالىيە ئىشلىرىنى ۋە ئادەتتىكى ئىشلارنى باشقۇرغان ھەمدە ئاخۇن تەكلىپ قىلىشنى قارار قىلغان. بۇنىڭدا (1) يەككە جامائەت تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ، بىر مەسچىت تەۋەلىكى يەنە بىر مەسچىت تەۋەلىكىگە بېقىنمىغان. (2) كېڭەيتىلگەن جامائەت تۈزۈمى بولۇپ، سۈلۈك تۈزۈمى يولغا قويۇلغان. سۈلۈكلەرنىڭ مۇرشىد ( پىر ) لىرى بولۇپ، ئۇنىڭ تەۋەلىكى بىرەر مەسچىت بىلەن چەكلەنمىگەن ياكى مەسچىتتىكىلەرنىڭ تەۋەلىكىنى بىۋاستە ئىدارە مەسچىتتىكىلەرنىڭ تەۋەلىكىنى بىۋاستە ئىدارە قىلغان ۋەياكى رەئىس ئەۋەتىپ مەسئۇل قىلغان. ئېتىقاد قىلغۇچىلار « مۇسۇلمان پۇقرا » دېيىلگەن. بۇ تۈزۈمنى سۈلۈكلەر قوللانغان. (3) ھەييى تۈزۈمىدە چوڭ مەسچىت ( مەركىزىي مەسچىت ) بىر نەچچە كىچىك مەسچىتنى باشقۇرىدۇ. چوڭ مەسچىت مۇپتى تەسىس قىلىدۇ. بۇ تۈزۈمنى بەزى رايونلاردىكى قەدىمىيە، ئىخۋانىيە مەزھەپلىرى قوللىنىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
بىر گۇرۇپپا، بىر توپ كىشىلەر؛ جامائەت.