Uyghurئاساسىي لۇغەت
جاھان خوجا
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
شىنجاڭدىكى ئاق تاغلىق خوجا. تولۇق ئىسمى خوجا جاھان ئەرشى. يېتىلگەن شائىر. يەكەن، قەشقەر رايونىدىكى فېئودال مەھمۇدنىڭ ئىككىنچى ئوغلى. چوڭ خوجا بۇرھانىددىننىڭ ئۇكىسى. جوڭغارلارنىڭ كاتتىبېشى غالدان ئۇنى دادىسى ۋە ئاكىسى بىلەن ئىلىدا تۇتۇپ قالدى. چەنلۇڭنىڭ 20 - يىلى (1755) چىڭ سۇلالىسىنىڭ قوشۇنلىرى جۇڭغارلارنىڭ توپىلىڭىنى تىنجىتقاندىن كېيىن قويۇپ بېرىلدى. چىڭ سۇلالىسى ئۇنى ئىلىدا تۇرۇپ ئىسلام دىنىغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى باشقۇرۇشقا قويدى. لېكىن، ئۇ ئامۇرسىنانىڭ چىڭ سۇلالىسىغا قارشى تۇرۇشىنى يوشۇرۇن قوللىدى. كېيىن جىنايىتىدىن قورقۇپ جەنۇبىي شىنجاڭغا قېچىپ كەتتى. چەنلۇڭنىڭ 22 - يىلى چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئەۋەتكەن ئەمەلدارىنى ۋە 100 دىن ئارتۇق ئەسكىرىنى ئۆلتۈرۈۋېتىپ، ئۆزىنى <باتۇرخان> دەپ ئاتاپ، <باتۇر خانلىقى> نى قۇرۇپ، ۋەتەن بىرلىكىنى پارچىلىدى. چەنلۇڭنىڭ 24 - يىلى چىڭ سۇلالىسىنىڭ قوشۇنلىرى قەشقەر ۋە يەكەننى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، ئاكىسى بىلەن بەدەخشاننغا قېچىپ بېرىپ، بەدەخشان سۇلتانى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى.