Uyghurئاساسىي لۇغەت
جاھاندا مىڭ كىشى كۆڭۈلىدە بىر كىشى
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
«جاھاندا مىڭ كىشى، كۆڭۈلىدە بىر كىشى»بۇ، دۇنيادا ئادەم قانچە كۆپ بولغان بىلەن ھەر كىمنىڭ كۆڭلىگە پۈككەن ئادىمى بولىدۇ؛ گۈزەللەر قانچە كۆپ بولغان بىلەن چىن دىلىدىن ياخشى كۆرگەن سۆيگىنى بىرلا بولدۇ، دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ: - مەن ئۇنداق قارىمايمەن، «جاھاندا مىڭ كىشى، كۆڭۈلدە بىر كىشى» دېگەن گەپنى ئاڭلىمىغانمۇسىز. ھەر بىر كىشنىڭ كۆڭلىدە ئۆزىنىڭ بىر ئارزۇ - ھەۋىسى بولىدۇ، - دەپ جاۋاب بەردى گۈلشات.