Uyghurئاساسىي لۇغەت
جاھانغا پاتماسلىق
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
بۇ، بىراۋنىڭ ئۆزىنى چوڭ تۇتۇپ، باشقىلارنى كۆزگە ئىلماي، تەكەببۇرلىشىپ، كۆرەڭلەپ كېتىشىنى بىلدۈرىدۇ: تۈنۈگۈن كېرىلىپ جاھانغا پاتماي يۈرگەن، مېنى تىرناقچىلىكمۇ نەزىرىگە ئىلمىغان تەكەببۇر ئادەم مانا ھازىر قوينىڭ قوزىسىدەك مۇلايىم بولۇپ، ماڭا يالۋۇرماقتا.