Uyghurئاساسىي لۇغەت
يۈز ئۆرۈمەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ۋەتەن ۋە مىللەتكە، دوستقا خىيانەت قىلماق.
مىللەتكە خائىنلىق قىلغاندىن چوڭ جىنايەت يوق. ئاسىيلىق قىلغانغا ئۆلۈم راۋا. يېڭى دوست تۇتساڭ كونا دوستتىن يۈز ئۆرمە. پەندۇنەسىھەتتىن كىم ئۆردى يۈز، زەخمىتى مىڭ بولار، پۇشايمىنى يۈز. دوستىغا يۈزسىزلىك قىلغان كىشى ئۆزىنىمۇ ۋەيران قىلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
بىرەر نەرسە ياكى كىشىدىن ۋاز كەچمەك، ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمەت، ئىتائەت، بويسۇنۇش قاتارلىقلارنى تەرك ئەتمەك، بىكار قىلماق، ۋاز كەچمەك.
بىر يىگىتتىن يۈز ئۆرۈپ يەنە بىر يىگىتكە كۆڭۈل بېرىش پاتىمەنىڭ چۈشەنچىسىدە ھاقارەتلىك ۋە نومۇسلۇق ئىش ئىدى.