Uyghurئاساسىي لۇغەت
يۈز
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
1. بەت، ئەپت، چېھرە، چىراي.
قىزىل يۈز. * يۈزسىز، يۈزى يوق. * يۈزى قېلىن، داپ يۈز. * يۈزىدە تۈكى بار، ئككى يۈز. * يۈزى قارا، قارا يۈز. * يۈزى سۈرۈن. * يۈزى ئېچىلماق.* يۈز كۆرۈشمەك. * يۈز ئۆرۈمەك. * يۈزىگە ماي سۈرتمەك. * يۈزىگە قان يۈگۈرمەك. * يۈزىگە قارىماسلىق. * يۈزىگە قارىيالماسلىق.
2. بىرەر تەكشىلىكنىڭ ئابيومى، كۆلىمى. ئۈچ بۇرجەكنىڭ يۈزى.
3. نەرسىنىڭ ئۆستى، سەتھى، ئوڭ تەرتىپى. سۇتنىڭ يۈزى. * ماي تاماقنىڭ يۈزىدە لەيلەر (ماقال).
ئاھاڭداش سۆزلەر
سان ، ساناق سان.
ئون
يۈز كىشى. * يۈزلەپ يۈز. * يۈز بېشى. * يۈز ياشقىمۇ بىر ئۆلۈم، بىر ياشقىمۇ بىر ئۆلۈم (ماقال). * يۈز ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا (ماقال). * تۆگە يۈزگە يەتمەس، يۈزگە يەتسە، كۆز يەتمەس (ماقال).
ئىككى تەجىنس:
1
پەندۇرنەسىھەتتىن كىم ئۆرۈدى يۈز،
زەخمىتى مىڭ بولار، پۇشايمىنى يۈز.
2
ھەممىگە ئوخشاش بول، قىلمىغىن سەن يۈز،
شۇ چاغدا قويارمەن ساڭا نومۇر يۈز.
- ئەركىن ئەبەيدۇللا.
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەپت، بەت، يۈز، چېھرە، چىراي:
بىرەر نەرسىنىڭ ئۈستى تەرىپى، يۈزى؛ سىرت:
سەۋب، ۋەج.
1. يۈزىدىن پەردە ئالىپ چىقسە ئول ماھى دۇرەفشانىم،
پەلەك ئەختەرلەرىدەك خوبلار ھەريان قاراشىپدۇر.
گۇمنام.
2. تۇتۇپ دۇدى ئاھىم فەلەكنىڭ يۈزىن،
تۇتۇپ پەردە يەڭلىغ سەمەكنىڭ يۈزىن.
ئا. نىزارى، ن. زىيائى.
يۈز. سان؛ كۆپ، سان - ساناقسىز.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
جامائەت ئالدىدا قازانغان ئىشەنچ، نام - نېشان، ئېتىبار.
«ئىناۋەت» نىڭ سالمىقى ئىشەنچتە.
«ئابرۇي»، «يۈز» نىڭ سالمىقى نام - نېشاندا.
«مىڭشېڭ» خەنزۇچە: «名声» بەزى ماقالىدا تۇراقلاشقان ۋە بەزەن ئېغىز تىلىدا ئۇچرايدۇ.
ئابرۇينى ئالتۇنغا ئال، جاننى كېپەككە سات. ئابرويۇڭنى ياشلىقىڭدىن ساقلا. ھەر كىمنىڭ ئىناۋىتى ئۆز قولىدا. ئىناۋەت ئالتۇندىنمۇ قىممەتلىك. ئىناۋەتنىڭ تۈگىگىنى ئەينەكنىڭ چېقىلغىنى. ئۇ يۈزى بار، يۈزى چوڭ ئادەم. پۇ تاپقىچە يۈز تاپ. ھارۋا سۇنسا سۇنسۇن، مېڭىشېڭ كەتمىسۇن.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
چىراي ئاسان ئۆزگىرەر، شەپقەت مەڭگۈ ساقلىغار. چىراي كۆيدۈرەر، خۇلق سۆيدۈرەر. چىراي كۆرۈپ ھال سورا. چىرايىغا چاي قۇيۇپ ئىچكىلى بولماس. ئادەم كۆركى يۈز، يۈز كۆركى كۆز. بېتى ئەدەب كۆرمىگەن، كۆتى تەرەت. دەم غەنىيمەت، دىدار غەنىيمەت. شاھزادە مەلىكىنىڭ رۇخسارىنى بىر كۆرۈپلا ئاشىقىي بىقارار بوپتۇ. تەرى ياماننىڭ مېھرى يامان. دېڭىزنى كوزىدا ئۆلچىگىلى بولماس، ئادەمنى ئەپتىدىن بىلىپ بولماس. بەشرىسى سەتنىڭ قىلىقى يامان بولۇشى ناتايىن. ئوسماننىڭ قىزىنىڭ ئۆڭى بار. ئەينەككە قارىغانغا ھۆسىن قېتىلماس. مەرتىۋە ئادەمگە ھۆسىن قوشمايدۇ، ئادەم مەرتىۋىگە ھۆسىن قوشىدۇ. ئۆمۈر ئۆتەر، ھۆسىن ئۆچەر. چېھرە ئۆزگىرەر، شەپقەت سزاقلىنار. سۆز كۆركى ماقال، ئەر كۆركى ساقال. سەمىمىي سىرتقى قىياپەت نۇرغۇن كەمچىلىكنى يېپىپ تۇرىدۇ. ئالەمدە ھەر كۈندە بار زاۋال، ئەبەدىي قالمايدۇ بۇ ھۆسىن _ جامال.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
يۈز.
ماقالدا مۇنداق كەلگەن: يۈزگە كۆرمە ئەردەم تىلە _ يۈزگە قارىما، ئەردەم تىلە، يەنى يۈزىنىڭ سەت - چىرايلىقلىقىغا قارىما، ئۇنىڭ ئەدەب - ئەخلاقىغا قارا. بۇ «» نىڭ «» دېگىنىگە ئوخشاش.
3 - 194
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سان
ئوننىڭ ئون قېتىم قوشۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان سان ياكى <100> رەقىمى ۋە مۇشۇ رەقەم بىلەن ئىپادىلىگەن سان، مىقدار.
يۈز ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا (ماقال).
ئۇلارنىڭ سېپىدە جەڭ كۈنلىرى ھەربىرى يۈزگە تېتىغۇدەك ئەزىمەتلەردىن خېلىلا بار.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئادەم بېشىنىڭ كۆز، بۇرۇن، ئېغىز قاتارلىق ئەزالىرى ئورۇنلاشقان تەرىپى، ئالدى تەرىپى، باشنىڭ ئالدى تەرەپتىن كۆرۈنگەن قىسمى.
ئۇ ھەر كۈنى ئاشۇ بۇلاق سۈيىدە يۈزىنى يۇيىدىكەن.
كۆچمە. ئابرۇي، ئىناۋەت، ھۆرمەت؛ ئىززەت.
- ساڭا يۈز كېرەك ئەمەسمۇ؟ نېمىشقا ۋاقتىدا مەلۇم قىلمايسەن؟ دەرھال تەكشۈرۈش ياز، - دېدى ئۇ ۋارقىراپ.
قىياپەت، كۆرۈنۈش، ئومۇمەن كۆرگىلى بولىدىغان چىراي - تۇرۇق، گەۋدە، جىسىم.
ئادەمنىڭ يۈزىگە قارىما، سۆزىگە قارا (ماقال).
كۆرسىتىلگەن شەخسنىڭ دەل ئۆزى ياكى دەل ئۆزى بار بولغان نەق مەيدان.
گەپ يۈزدە ياخشى، ئۇسسۇل تۈزدە ياخشى (ماقال).
بىر نەرسىنىڭ ئۈستۈنكى تەرىپى، ئۈستى.
يەر يۈزى.
ئاينىڭ يۈزىدىمۇ داغ بار (ماقال).
<مات> تەكشىلىك ياكى مەلۇم ماددىلارنىڭ سىرتىنىڭ كۆلىمى، دائىرىسى، چوڭ - كىچىكلىكى.
چەمبەرنىڭ يۈزى.
دەريا، ئۆستەڭ قاتارىدىكى نەرسىلەرنىڭ ئۇ ياكى بۇ تەرىپى، قېشى، قىرغىقى.
- بىز بىر ئامال قىلىپ تاڭ ئاتقۇچە دەريانىڭ ئۇ ۈزىگە ئۆتۈۋالساق بولاتتى، - دەيتتى ئۇياق - بۇياق مېڭىۋېتىپ.
تۆمۈر ئەسۋابلارنىڭ تىغى.
پىچاقنىڭ يۈزى.
سەھىپە، بەت.
- ئۇ <بۇ ئەھۋالنى گېزىت يۈزىدە ئېلا قىلىمەن> دەيدۇ، - دېدى ئالىم ئازابلىنىپ.