Uyghurئاساسىي لۇغەت
يېرىم ئارال ئۇرۇشى
دۇنيا تارىخى
فرانسىيە بىرىنچى ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىبېرىيە يېرىم ئارىلىنى بويسۇندۇرۇش مەقسىتىدە ئەنگلىيە، ئىسپانىيە، پورتۇگالىيىلەر بىلەن 1808 - 1814 - يىللىرى قىلغان ئۇرۇشى. پورتۇگالىيە چوڭ قۇرۇقلۇقنى قامال قىلىش سىياسىتى يۈرگۈزمىگەنلىكتىن، ناپولېئون Ⅰ 1807 - يىلى ئىسپانىيە بىلەن پورتۇگالىيىنى بۆلۈۋېلىش مەخپىي كېلىشىمى تۈزۈگەندىن كېيىن، قوشۇن ئەۋەتىپ پورتۇگالىيىگە تاجاۋۇز قىلغان. پورتۇگالىيە كورۇلى ژوئاۋ Ⅵ برازىلىيىگە قېچىپ كەتكەن. ناپولېئون Ⅰ ئىسپانىيىگە يۈرۈش قىلىپ مادرىدنى بېسىۋالغان، ئىسپانىيە كورۇلى چارلېس Ⅳ نى ئۆزىنىڭ ئوغلى فېردىناند Ⅶ گە تەختىنى بوشىتىپ بېرىشكە زورلىغان. ئۇزۇن ئۆتمەي ئىسپانىينىڭ ئاتا - بالا كورۇلىنى نەزەربەن قىلىپ، ژوزىف (ناپولېئوننىڭ ئاكىسى) نى ئىسپانىيە كورۇلى قىلغان. ئىسپانىيە ۋە پورتۇگالىيە خەلقلىرى فرانسىيىنىڭ ئىشغالىيىتىگە قارشى تۇرۇپ، مۇستەقىللىكنى قولغا كەلتۈرۈش كۈرىشىنى قانات يايدۇرغان (<ئىسپانىيىدىكى 1808 - 1814 - يىللاردىكى ئىنقىلاب> قا قارالسۇن). ئەنگلىيە ئەسكەر چىقىرىپ ئۇرۇشقا قاتنىشىپ، يەرلىك خەلقنىڭ پائال ماسلىشىشى بىلەن فرانسىيە قوشۇنىنى پورتۇگالىيىدىن قوغلاپ چىقارغان ھەمدە ئىسپانىيىدە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش ئېلىپ بارغان.1813 - يىلى ۋېلىڭتون ئەنگلىيە - ئىسپانىيە - پورتۇگالىيە بىرلەشمە ئارمىيىسىنى باشلاپ، ئىسپانىيىدىن فرانسىيىگە ھۇجۇم قلىپ كىرگەن. 1814 - يىلى 4 - ئايدا ناپولېئون تەختتىن چۈشۈپ ئۇرۇش ئاخىرلاشقان. ئىسپانىيە ۋە پورتۇگالىيە خەلقىنىڭ فرانسىيە تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئېلىپ بارغان قەيسەرلەرچە كۈرىشى ناپولېئون ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇشتىكى مۇھىم كۈچلەرنىڭ بىرى بولغان