Uyghurئاساسىي لۇغەت
يېرىلماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
<يارماق Ⅰ> پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.
باش يېرىلسا بۆك ئىچىدە، قول سۇنسا يەڭ ئىچىدە (ماقال).
ئۈستۈنكى پوست تېرىلىرى بۆلۈنۈپ - بۆلۈنۈپ، سەت، قوپال ھەم بىنورمال ھالەتكە كېلىپ قالماق، ساغلاملىقىنى يوقاتماق، سەتلەشمەك (لەۋ، قول قاتارلىقلار ھەققىدە).
ئۇنىڭ قوللىرى يېرىلىپ كەتكەنىدى.
كۆچمە. قاتتىق غەزەپلەنمەك، ئاچچىقىغا ھاي بېرەلمەي قالماق، قاتتىق چېچىلماق، ئاچچىقلانماق.
رەھىم ئايالىنىڭ بۈگۈنكى ئورۇنسىز يېرىلىشىنىڭ سەۋەبىنى ئاللىقاچان چۈشىنىپ يەتكەنىدى.