Uyghurئاساسىي لۇغەت
يېرماك تىموفېيېۋىچ
دۇنيا تارىخى
(؟ - 1585) 1581 - 1585 - يىللىرى روسىيە سىبىرىيىگە ئەۋەتكەن كازاك ئۇزاققا يۈرۈش قىلغۇچى قوشۇننىڭ قوماندانى، دون كازاكلىرىنىڭ ئاتامانى بولغان. 1581 - يىلى سىتروگانوۋ جەمەتى تەشكىللىگەن ئۇزاققا يۈرۈش قىلغۇچى قوشۇننى (840 نەپەر كىشى، بۇنىڭ ئىچىدە كازاكلار 540 نەپەر) باشلاپ، كېمىگە چۈشۈپ ئېرىتىش دەرياسى ئارقىلىق ئۇرال تاغلىرىنىڭ شەرقىي تەرىپىگە يۈرۈش قىلىپ، سىبىرىيىنىڭ غەربىي قىسمىغىچە بېسىپ كىرگەن. 1582 - يىلى سىبىر خانلىقىنىڭ پايتەختى سىبىرنىڭ بېسىۋالغان. بۇ ئىش ئۈچۈن ئىۋان Ⅳ نىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ <باتۇر> دەپ نام ئالغان. كېيىن سىبىرىيە خانلىقىدىكى ھەر مىللەت خەلىنىڭ پارتىزانلىق تاكتىكىسىنى قوللىنىش ئارقىلىق بەرگەن قاتتىق زەربىسىگە ئۇچرىغان. ئىۋان Ⅳ ئىككى قېتىم ئەسكەر ئەۋەتىپ ياردەم بەرگەن بولسىمۇ، يەنىلا قىيىن ئەھۋالدا قالغان. 1585 - يىل 8 - ئاينىڭ 6 - كۈنى سىبىرىيە خانلىقى خەلقىنىڭ قىلغان كېچىلىك ھۇجۇمىدا ئۇزۇنغا يۈرۈش قىلغۇچى قوشۇننىڭ ئاساسىي كۈچى يوقىتىلغان چاغدا بۆكتۈرمىگە ئۇچراپ، ئېرىتىش دەرياسىغا چۆكۈپ ئۆلگەن. قالدۇق قىسمى سىبىرىيىدىن چېكىنىپ چىقىشقا مەجبور بولغان.