Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
يېرىم ئارال ئۇرۇشى
دائىرە: دۇنيا تارىخى半岛战争
bàn dǎo zhàn zhēng
فرانسىيە بىرىنچى ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىبېرىيە يېرىم ئارىلىنى بويسۇندۇرۇش مەقسىتىدە ئەنگلىيە، ئىسپانىيە، پورتۇگالىيىلەر بىلەن 1808 - 1814 - يىللىرى قىلغان ئۇرۇشى. پورتۇگالىيە چوڭ قۇرۇقلۇقنى قامال قىلىش سىياسىتى يۈرگۈزمىگەنلىكتىن، ناپولېئون Ⅰ 1807 - يىلى ئىسپانىيە بىلەن پورتۇگالىيىنى بۆلۈۋېلىش مەخپىي كېلىشىمى تۈزۈگەندىن كېيىن، قوشۇن ئەۋەتىپ پورتۇگالىيىگە تاجاۋۇز قىلغان. پورتۇگالىيە كورۇلى ژوئاۋ Ⅵ برازىلىيىگە قېچىپ كەتكەن. ناپولېئون Ⅰ ئىسپانىيىگە يۈرۈش قىلىپ مادرىدنى بېسىۋالغان، ئىسپانىيە كورۇلى چارلېس Ⅳ نى ئۆزىنىڭ ئوغلى فېردىناند Ⅶ گە تەختىنى بوشىتىپ بېرىشكە زورلىغان. ئۇزۇن ئۆتمەي ئىسپانىينىڭ ئاتا - بالا كورۇلىنى نەزەربەن قىلىپ، ژوزىف (ناپولېئوننىڭ ئاكىسى) نى ئىسپانىيە كورۇلى قىلغان. ئىسپانىيە ۋە پورتۇگالىيە خەلقلىرى فرانسىيىنىڭ ئىشغالىيىتىگە قارشى تۇرۇپ، مۇستەقىللىكنى قولغا كەلتۈرۈش كۈرىشىنى قانات يايدۇرغان (<ئىسپانىيىدىكى 1808 - 1814 - يىللاردىكى ئىنقىلاب> قا قارالسۇن). ئەنگلىيە ئەسكەر چىقىرىپ ئۇرۇشقا قاتنىشىپ، يەرلىك خەلقنىڭ پائال ماسلىشىشى بىلەن فرانسىيە قوشۇنىنى پورتۇگالىيىدىن قوغلاپ چىقارغان ھەمدە ئىسپانىيىدە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش ئېلىپ بارغان.1813 - يىلى ۋېلىڭتون ئەنگلىيە - ئىسپانىيە - پورتۇگالىيە بىرلەشمە ئارمىيىسىنى باشلاپ، ئىسپانىيىدىن فرانسىيىگە ھۇجۇم قلىپ كىرگەن. 1814 - يىلى 4 - ئايدا ناپولېئون تەختتىن چۈشۈپ ئۇرۇش ئاخىرلاشقان. ئىسپانىيە ۋە پورتۇگالىيە خەلقىنىڭ فرانسىيە تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئېلىپ بارغان قەيسەرلەرچە كۈرىشى ناپولېئون ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇشتىكى مۇھىم كۈچلەرنىڭ بىرى بولغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.