Uyghurئاساسىي لۇغەت
يىغىلماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تارقاق، چېچىلاڭغۇ نەرسىلەر بىر يەرگە كەلمەك.
سۇ يىغىلسا كۆل بولار. قارا بۇلۇت توپلانسا، يامغۇر تۆكەر، خەلق توپى يىغىلسا قۇۋۋەت ئۆسەر. ئېرىق سۇلىرى توپلىنىپ دەريا بولار.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
چېچىلاڭغۇ، تارقاق نەرسىلەر بىر يەرگە جەم بولماق.
چېچىلماق، تارقالماق
يىغىق، توپ نەرسىلەر ھەر يەر، ھەر يەرلەرگە بۆلۈنمەك، پارچىلانماق.
كادىرلار مەجلىسكە يىغىلدى، مەجلىستىن كېيىن تارقالدى. ھەممىمىز زالغا توپلاندۇق، دوكلات ئاڭلىدۇق. ئويناۋاتقان قارتىمىز چېچىلىپ كەتتى. چاچساڭ چېچىلىدۇ، يىغساڭ يىغىلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
<يىغماق> پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.
شۇنداق قىلىپ، ئازلا ۋاقىت ئىچىدە بەش مىڭ تەڭگىلىك مال يىغىلدى.
<يىغماق> پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى.
ۋراچ ۋە سېستىرالار ئوپېراتسىيە ئۈستىلىنىڭ ئەتراپىغا يىغىلدى.