Uyghurئاساسىي لۇغەت
يىغىشتۇرماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
يېيىلغان، چېچىلغان نەرسىلەرنى رەت - رېتى بويىچە يىغىپ، بىر يەرگە جەم قىلماق، رەتلىك توپلىماق، يىغماق.
ئۇ ياتاق ئۆيگە كىرىپ ئوغلىنىڭ ئورۇنلىرىنى يىغىشتۇرۇشقا باشلىدى.
بىرەر ئىش - پائالىيەت ئۈچۈن ۋاسىتە بولىۋاتقان تۈرلۈك نەرسە - كېرەكلەرنى يىغماق، يىغىپ بىر چەتكە قويماق.
ئۇلار داستىخاننى يىغىشتۇرۇپ، ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشقا تەمشەلدى.
پاكىز، رەتلىك ھالەتكە كەلتۈرمەك، رەتلەپ تازىلىماق.
- ماڭا ھېچ گەپ ئەمەس، - دېدى جەمىلە ئۆيىنى يىغىشتۇرۇۋېتىپ.
كۆچمە. ئىش - ھەرىكەت، پائالىيەتنى توختاتماق، تاشلاپ قويماق، بەرھەم بەرمەك.
ئۇ كۈلكىلىرىنى يىغىشتۇردى - دە، جوزىغا بېشىنى قويۇۋېلىپ يىغلاشقا باشلىدى.
كۆچمە. يوقاتماق، ۋەيران قىلماق.
ئۇلار قاراقچىلارنى يىغىشتۇرۇپ، ئۆتەڭنى تىنچلاندۇرۇپتۇ.
ئۆزىگە تەئەللۇق بولغان نەرسىلەرنى يىغىپ، ئۆز ئىلكىگە ئۆتكۈزۈۋالماق، ئوڭۇشلۇق ھالدا يىغىۋالماق، توپلاپ ئۆز ئىلكىگە ئالماق.
- ئۆزۈڭنىڭ ئىشىنى بىل، - دەپ ۋارقىرىدى توختاخۇن، - بۇغداينى كېلىپ بىر كۈندىلا يىغىشتۇرۇپ بولىمەن. سەندەك نېمىلەرگە ئېغىرىمنى سالغۇچە ئۆلۈۋالىمەن!