Uyghurئاساسىي لۇغەت
يىغىم
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
پىشقان زىرائەت - ئېكىننى ئورۇپ يىغىۋېلىش ئىشى.
تېرىم، تېرىلغۇ
زىرائەت - ئېكىنىنى تېرىش - تىكىش ئىشى.
تېرىم بولمىسا، يىغىم بولمايتتى. دېھقانلارغا ئارام يوق، تېرىم تۈگىسە يىغىم باشلىنىدۇ. ئەتىيازلىق تېرىلغۇ باشلاندى.
ئورمىنى تولا ئورساڭ،
تالمامدۇ بىلەكلىرىڭ.
مەن يادىڭغا چۈشكەندە،
كۆيمەمدۇ يۈرەكلىرىڭ.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
يىغىم، دۆۋە.
يىغىم توپراق _ يىغىم تۇپراق، يىغىلغان، دۆۋىلەنگەن توپا. «م _ m» ھەرپى «ن _n » ھەرپىنىڭ ئورنىغا ئالمىشىپ كەلگەن.
3 - 23
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پىشقان زىرائەتلەرنى ئورۇپ، يىغىش ئىشى.
ئۇلار كۈزلۈك يىغىمدىن بېسىقىپلا توي قىلماقچى.
زىرائەتلەر پىشىپ يىغىدىغان ۋاقىت، شۇ مەزگىل.
ئەمدىلا ئۇھ دەپ تۇرىشىمىزغا يازلىق يىغىم كەلدى، يەنە ئېتىزغا يۈگۈرمىسەك بولمىدى.