Uyghurئاساسىي لۇغەت
يەپىن
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
توق قىزىل، قېنىق قىزىل.
( مۇشۇ جايدىكى سۆزلەرنىڭ «ب» بىلەن باشلانمىغانلىقىنى نەزەردە تۇتقاندا، بۇ سۆزخاتا يېزىلغان بولۇشى ئېھتىمال. بېسىم ئاتالاينىڭ ئىزاھىدا «بۇ سۆز «» ياكى «» سۆزىدىكى «ك» ھەرپى چۈشۈپ قالغاندىن كېيىنكى شەكلى بولۇشى ئېھتىمال» دېيىلگەن. بىز بۇ سۆزنىڭ كەلگەن ئورنى ۋە باش ھەرپى فەتھىلىك يېزىلغىنىغا قاراپ بۇ يەردە «ى - يا» بىلەن «ب - b» نىڭ ئورنى ئالمىشىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن، دەپ ھېسابلاپ، ئۇنىڭ «بايىن» ئەمەس، بەلكى «يەپۈن» ياكى «يەپىن ~ يەبىن» بولۇش ئېھتىمالى چوڭ دېگەن خۇلاسىگە كەلدۇق ۋە «يەپىن» دەپ ترانسكىرىپسىيە بەردۇق.) لەيلىقازاق گۈلىنىڭ رەڭگىدىكى ھەر قانداق نەرسىگىمۇ بۇ سۆز ئىشلىتىلىدۇ. ماقالدا مۇنداق كەلگەن: قىلىنۇ بىلسە قىزىل كەزەر يارانۇ بىلسە ياشىلكەزەر _ قىلىقلىناي دېسە قىزىل كىيەر، يارىناي دېسە يېشىل كىيەر (مىسال قىلىپ ئېلىنغان ماقالدا «يەپىن» سۆزى يوق. بەلكىم ماقالىدىكى «» سۆزىنى بۇ سۆز بىلەن مەنىداش دەپ ئىشلەتكەن بولسا كېرەك.). خوتۇنلار ئېرىغا جىلۋىلىنىپ كۆرۈنمەكچى (قىلىق چىقارماقچى) بولسا، قىزىل يىپەك كىيىم كىيىدۇ، ئەركىلەپ يارانماقچى بولسا، يېشىل يىپەك كىيىم كىيىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئەر خوتۇنىنى ياخشى كۆرىدۇ، دېمەكچى.
3 - 24