Uyghurئاساسىي لۇغەت
يەئقۇب ئەلەيھىسسالام
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
قۇرئاندا تىلغا ئېلىنغان شەخس. ئاللانىڭ ئەلچىلىرىدىن بىرى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ پۇشتى. يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنىڭ دادىسى. رىۋايەت قىلىنىشىچە، يۈسۈفكە ئاكىلىرى زىيانكەشلىك قىلىپ، ئۇنى قۇدۇققا تاشلىۋېتىدۇ. كېيىن يولدىن ئۆتكەن كارۋانلار تەرىپىدىن قۇتقۇزۇۋېلىنىپ، مىسىردا سېتىۋېتىلىدۇ. يۈسۈفنى سېغىنىپ تولا يىغلاپ، يەئقۇبنىڭ ئىككى كۆزى كۆرمەس بولۇپ قالىدۇ. كېيىن ئوغلىنىڭ خەۋىرىنى ئېلىپ مىسىرغا كېلىپ ئوغلى بىلەن كۆرۈشۈپ، كۆزى ئېچىلىپ كېتىدۇ. يەئقۇب ئەلايھىسسالام ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرى بالىلىرىغا بىر خۇداغا ئىبادەت قىلىپ، مۇسۇلمان بولۇشنى جېكىلىدى.