Uyghurئاساسىي لۇغەت
يەككە
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئايرىم بىر كىشى. يەككە ئىگىلىك، يەككە پائالىيەت
كوللكېتىپ
بىرلەشكەن كۆپچىلىك، كۆپچىلىكتىن شەكىللەنگەن گەۋدە. كوللېكتىپ ئىگىلىك، كوللېكتىپ پائالىيەت
قالدىم يەككە، يېدىم دەككە. كوللېكتىپ رەھبەرلىك قىلىش بىلەن شەخس مەسئۇل بولۇشنى يولغا قويۇش لازىم. شەخسىي كوللېكتىپنىڭ بىر ئەزاسى، ئۇ كوللېكتىپتىن ئايرىلىپ قالماسلىقى كېرەك.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
پارىسچە
تەنھا، يالغۇز، يېگانە.
يەككە ماتېرىيال. يەككە ئوبيېكت.
مۇسا راستتىنلا ئۆزىنىڭ ۋەدىسىگە ئەمەل قىلدى. ئارىدىن ئىككى كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇ يەنە مۇسا بىلەن يەككە پاراڭلىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولدى.
باشقىلارغا قوشۇلماي، بىرلەشمەي ئىشلەيدىغان، ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ياشايدىغان.
يەككە تىجارەتچى. يەككە ئىگىلىك.
مەن بۇنىڭدىن ئون يىل بۇرۇنمۇ پىلە باققان. ئۇ چاغدا بىز يەككە ئىدۇق.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
يەككە، يالغۇز، بىر ئۆزى. قەدىمكى ئۇيغۇرلار قوللانغان ئىسىم.