Uyghurئاساسىي لۇغەت
ياۋرادى
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
دىغرىدى، قەيسەرلەشتى.
ئەر ياۋرادى _ ئادەم قەيسەرلەشتى. بۇ سۆز « تىغرادى» سۆزى بىلەن ئوخشاش ( ياۋرار _ ياۋراماق). شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
قىش يايغارۇ سۆۋلەنۈر
ئەر ئات مەنىن ياۋرايۇر
ئىگلەر يەمە ساۋرىيۇر
ئەت يېن تاقى بەكرىشۈر
«قىش يازغا دەيدۇكى:
ئادەم، ئاتلار مەندە قەيسەرلىشىدۇ،
كېسەللەرمۇ ئازىيىدۇ،
ئەت - يەن يەنە چىڭىيدۇ.»
قىش بىلەن مۇنازىرىلىشىپ شۇنداق دەيدۇ: ئادەملەر بىلەن ئاتلارنىڭ گۆشى (مۇسكۇللىرى) مەندە كۈچىيىدۇ؛ كېسەللەرقىشتا ئازىيىدۇ، ئادەملەرنىڭ ئەت - يېنى چىڭىيدۇ.
3 - 379