Uyghurئاساسىي لۇغەت
ياۋچىلار
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئىرقشۇناسلىق
قەدىمكى قەبىلە. ئۇلار چىن، خەن دەۋرىلىرىدە دۇنخۇاڭ، چىليەن تېغى ئارىلىقىدا كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرگەن. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 177 -، 176 - يىللىرى ھونلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، غەربكە كۆچۈپ، ئىلى دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىدىكى ساكلار تەۋەلىكىدىكى جايلاردىن ھەتتا ئىسسىقكۆل ۋە ئافغانىستاننىڭ شىمالىي قىسمىنىمۇ ئىگىلىگەن. ئۇلارنىڭ غەربكە كۆچمەن قەبىلىرى تارىختا ئۇلۇغ ياۋچىلار دەپ ئاتىلىدۇ. تەخمىنەن مىلادىيە Ⅷ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە، ئۇلار باكتېرىيىلەرنىڭ شەرققە كىرىشى بىلەن يوقالغان.