Uyghurئاساسىي لۇغەت
ياۋايى
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قولغا كۆندۈرۈلمىگەن، يىرتقۇچ؛ كۆچمە؛ ئىنسانىي پەزىلىتى يوق.
پىتنە - پاسات ۋەھشىي قوشۇننىڭ ئۆزى. ياۋا موگۇ تېز ئۆسەر. ياۋايى ھايۋاندىن پەخەس بول، ياۋايى ھايۋان تەبىئەتلىك<ئىنسان> دىن تېخىمۇ پەخەس بول.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئادەمگە كۆنمىگەن، كۆندۈرۈلمىگەن، تەبىئەتتە ئەركىن ياشاۋاتقان (ھايۋانات ھەققىدە).
ئورمان ياۋايى ھايۋان. قۇشلارنىڭ ماكانى.
ئۆزى تەبىئىي ئۆسىدىغان ياكى ئۆسكەن (تەبىئىي ئۆسۈملۈكلەر ھەققىدە).
- مۇبادا مۇشۇ ئەمگەكلىرىمىز بىلەن ياۋايى ئوتلارغا جەڭ ئېلان قىلالىساق، دېھقانلارنىڭ شال ئوتاش ۋاقتىنى تېجەپ، دەردىنى يېنىكلەتكەن بولاتتۇق! - دېدى ھاشىم ئاكا خوشاللىنىپ.
مەدەنىيەتنىڭ ئىپتىدائىي باسقۇچىغا خاس بولغان، قالاق، مەدەنىيەتسىز.
بۇرژۇئازىيە بارلىق ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرىنىڭ تېزلىكتە ياخشىلىنىشى ۋە قاتناش ئىشلىرىنىڭ ناھايىتىمۇ ئاسانلىشىشى ئارقىسىدا، ھەممە مىللەتلەرنى ھەتتا ئەڭ ياۋايى مىللەتلەرنى مەدەنىيەت تەرەپكە تارتتى.
ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىن چەتلىگەن؛ قەبىھ، ۋەھشىي.
سەن سەنئەتنى خارلايدىغان ياۋايى تەبىئەتلىكلەرنىڭ خىلىدىنسەن!