Uyghurئاساسىي لۇغەت
ياساۋۇل
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئىشىكباقار چېرىك، قارۇغچى، قورۇغچى، قاراۋۇل؛ مالاي؛ ياساۋۇل باشى - قورۇغچىلار باشلىقى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بۇرۇنقى زاماندا بەگ_ تۆرىلەرنىڭ مەخسۇس ئىشقا سالىدىغان كىشلىرى.
چاپارمەن چاققان بولسا، چاتاق كۆپ چىقىدۇ. ياساۋۇلنى كۆرسەڭ، يار بويى قاچ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
تارس. بۇرۇنقى خان، پادىشاھ دەۋرىدە يۇقىرى مەنسەپتىكى ئەمەلدارلارغا خىزمەت قىلىدىغان قوراللىق خادىم؛ ساقچى.
شاھزادە مۈشۈكنىڭ باش - كۆزىنى سىلاپ ئەپۇ سوراپتۇ، شاھ ياساۋۇلنى تۆت بېلىقچى بوۋاي بىلەن ئوتۇنچى موماينى چاقىرىپ كېلىشكە بۇيرۇپتۇ.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
مۇھاپىزەتچى، قوغدىغۇچى. قەدىمكى ئۇيغۇرلار قوللانغان ئىسىم. ۋە ھەربىي ئۇنۋان.