Uyghurئاساسىي لۇغەت
ياستانماق
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ياستۇق قىلماق، تەكيە قىلماق، تايانماق:
كىمسە گەر ئىشىكىڭنى ياستانماقدىن ئولمىشتۇر مەلۇل،
ھەجر ئىلە تا رۇزى مەھشەر قىلمە ھىرماندىن خەلاس.
قەلەندەر.
ئەي پەرىزادى زەمانۇ ھۇرى دەۋرانىم مېنىڭ،
ئىشكىڭنى ياستانىپ مەن پاسىبانلىقدۇر ساڭا.
قەلەندەر.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ياستۇق قىلماق، باش قويماق، تەكى قىلماق. شېئىردا مۇنداق كەلگەن: تەبەررۇك ئاستانىڭ تۇپراغىنى كىم كى ياستاندى، بەلا - ۇ فىتنە - ۇ ئاخىر ۋەزماندىن ھەم ئەمىن دەرلەر.(زەلىلى).