Uyghurئاساسىي لۇغەت
ياراشماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۇرۇش - تالاشنى تۈگىتىپ، مۇناسىۋەتنى ياخشىلىماق، خوپ بولۇپ قېلىشماق.
يارىشىش شەرتى بولسا، يارىشىشنى رەت قىلىش ئاقىلنىڭ ئىشى ئەمەس. ئۇلار ئەمدى ئەپلىشىپ قاپتۇ. ئەقىلسىزلەر دەۋالىشىدۇ، ئەقىللىقلەر كېلىشىدۇ. چېكىشمىگۈچە بېكىشمەس.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئۇرۇشتىن كېيىن ئۆزئارا چۈشەنچە ھاسىل قىلىپ كېلىشىپ قالماق.
ئۇرۇشماق، مۇشتلاشماق، ياقىلاشماق، چاچلاشماق
مەنپەئەت توقۇنۇشتىن بىر - بىرىنى ئۇرماق.
ئۇستام ئۇرۇشسا، تۆمۈرى قىزىغىچە ئۇرۇشىدۇ. بەزىدە تىل بىلەن چىشمۇ سوقۇشىدۇ. يالغۇز ئۆكۈز قوش بولماس، ياقىلاشقان دوست (بولماس). چاچلاشقان خوتۇنلار چاچ يۇلۇنسا يارىشار. ئۆيدە چىققان ئۇرۇش ئەپلەشكۈچە، ئەپلەشمەك قازان قاينىغۇچە.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئۈزۈلگەن ئەر - خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرمەك.
ئۈزلەشمەك، ئاجراشماق
ئەر - خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتنى ئۈزمەك.
ئۇلار ئۈزلىشىپتۇ، ئوبدان بوپتۇ. روزاخۇن بۇرۇنقى ئايىلى بىلەن يېنىشىۋاپتۇ دەپ ئاڭلاپ، خوشال بولدۇق. ئەر - خوتۇننىڭ ئاجراشمىقى مۇھەببەتنىڭ بۇزۇلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئۈزلەشكەنلەر ئەپلەشسە، بالىلارنىڭ بەختى ئېچىلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
ياىشىلاشماق، ئلەپلەشمەك، ئىتتىپاقلاشماق، ئىناقلاشماق، چىقىشىپ قالماق؛ كېلىشمەك.
خۇماخان كۈزلۈك ھوسۇل يىغىۋېلىنغاندىن كېيىن، ئاجرىشىپ كەتكەن ئېرى بىلەن يارىشىپ كېتىپ قالغانىدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
ماس، مۇۋاپىق كەلمەك، ئەپلەشمەك، كېلىشمەك.
ئوتتۇرا بوي، ياشلار پاسونىدا ئىشلەپ تىكىلگەن كالتە جۇۋىسى بۇ يىگىتنىڭ قاۋۇل بەستىگە خويمۇ ياراشقانىدى.