Uyghurئاساسىي لۇغەت
ياراش
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
ياراشماق، يارىشىش. ئەپلەشمەك، كېلىشمەك، ئىناق بولماق.
ئۇ ئەر - خوتۇن ئىككىسى يارىشىپ قاپتۇ. * ئاجرىشىپ كەتكەن ئەر - خوتۇن يارىشىۋاپتۇ.
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
ياراشماق، يارىشىش.1. ئەپ كەلمەك، باپ كەلمەك، لايىق كەلمەك.
كۆڭلىكىڭىز ئۆزىڭىزگە بەك يارىشتپتۇ. * بۇنداق گەپنى قىلىش سىزگە ياراشمايدۇ. * ھازىغا ناخشا ياراشماس (ماقال).
2. ئۇيغۇن كەلمەك. يامانغا ياغ ياراشماس، ئۆچكىگە يۇمغاقسۇت (ماقال). * ئاتامنىڭ ئۆلگىنى ئانامغا ياراشتى، چەلپىكىنى ئىتلار تالاشتى (ماقال).
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
يارىتىلىش، تەبىئەت
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ياراش، ئۆزلەش، سىڭىپ كەت مەنىسىدە.