Uyghurئاساسىي لۇغەت
ياراغ
مەنىداش سۆزلۈكلەر
جەڭ، ئۇرۇش سايماقلىرى، مۇداپىئەدىمۇ، ھۇجۇمدىمۇ ئىشلىتىلىدۇ، دۈشمەنگە تالاپەت يەتكۈزەلەيدۇ.
«ئەسلىھە» ھەربىي قورال - ياراغلارنىڭ ئومۇمىي نامى.
ئۇرۇشتا قورالغا تايىنىش كېرەك، باتۇر يۈرەككە تېخىمۇ تايىنىش كېرەك. بايلىقىڭنى ئۆيدە قوي، يارىغىڭنى ياندا تۇت. ئويماقسىز خوتۇن بولماس، تىغسىز ئەر. ھەربىي ئەسلىھەلەرنى ئاسراش ھەر بىر گراژداننىڭ بۇرچى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىش - ھەرىكەتنىڭ قانچە داۋام قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان ئۆلچەم.
<كەز>، <پۇرسەت> بىرەر مەقسەتتە پايدىلىنىشقا بولىدىغان بەلگىلىك ۋاقىتنى كۆرسىتىدۇ.
<پەيت>، <مومېنت> ۋاقىتقا باغلىق ئوبيېكتىپ شارائىتقا قارىتىلىدۇ.
<چولا> ئېغىز تىلىدا كۆپرەك ئىشلىتى
ۋاقىتتىن ئالتۇن كېلەر، ئالتۇنغا ۋاقىت كەلمەس. ۋاقىت - ئالتۇن. ۋاقتىڭ كەتتى - بەختىڭ كەتتى. ۋاقىتنىڭ ئوشۇقى يوق. تۆت پۇتلۇق ئاتنىڭمۇ مۈدۈرىدىغان چېغى بار. كىمكى كەچۈرمىسە ئۆزگى ئۆزى، كەچۈرمەس ئۆزگىمۇ كەلگەندە كېزى. كەتكەن پۇرسەت قايتىپ كەلمەس. تاڭ ئالدىدىكى پەيت ھەممىدىن قاراڭغۇ بولىدۇ. كەلگەن مومېنتنى قولدىن بەرمە. ئىشچان ھەسەل ھەرىسىنىڭ مۇڭلىنىشقا چولىسى تەگمەيدۇ.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
پۇرسەت، ئىمكان، پەيت.
ئىش ياراغى _ ئىشنىڭ پەيتى، يۈزلىنىشى (بۇ مىسال ئەرەپچىدە « _ ئىشنىڭ پەيتىگە ۋە يۈزلىنىشىگە قارا» دېيىلگەن. بىز تەرجىمىدە تۈركى تېكىستنى ئاساس قىلدۇق). بۇنىڭ «» شەكلىمۇ بار.
3 - 35
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
پۇرسەت، ئىمكان، پەيت.
ماقالدا مۇنداق كەلگەن: ئىش ياراغىندا سارت ئاسىغىندا _ ئىش پەيتىدە سودىگەر پايدىدا. ئىش پەيتىگە باقىدۇ، سودىگەر پايدىغان. سودىگەر پايدىنى كۆرسە، ئەڭ ياخشى كۆرگەن نەرسىسىنىمۇ سېتىۋېتىدۇ.
3 - 14
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
<ياراق> قا قاراڭ
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ھۇجۇم قىلىش ياكى ھىمايە قىلىش ۋە قوغدىنىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان قورال.
ئاتام ھازىر تۆمۈرچىلىك قىلىدۇ، خان ئەسكەرلىرى ئۈچۈن ياراغ ياسايدۇ.
ئەسۋاب، ئەسلىھە.
ئۆزۈم يالغانچى ئەمەس، يارىغىنىم يالغانچى (ماقال).
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
قورال، قورال - ياراغ. قەدىمكى ئۇيغۇرلار قوللانغان ئىسىم.