Uyghurئاساسىي لۇغەت
ياقۇت
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
قىزىل تاۋلىنىدىغان قىممەت باھالىق مىنېرال تاش، چىنتاش.
ياقۇت كۆزلۈك ئۈزۈك.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
مىللەت نامى ۋە شۇ مىللەتكە مەنسۇپ كىشى.
ياقۇت تىلى. * ياقۇتىسان. * تۈنۈگۈن كەلگەن ساياھەتچىلەر ئىچىدە بىر ياقۇت بار ئىكەن.
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
قىزىل؛ قىممەت باھا تاش، ياقۇت:
خىلئەتى زەربەفت كۆرگەچ ئەڭىندە، كۆڭلۈمگە ھۈسن،
بولدى ئانداغكىم زەرۇ ياقۇتغە خارا لىباس.
ئەرشى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
<گېئول> بىرخىل مىنېرال. خىمىيىلىك تەركىبى AIO. بەزىدە تەركىبىدە ئاز مىقداردا تۆمۈر، تىتان ياكى خروم قاتارلىقلار بولىدۇ، ئۈچ ياقلىق كرىستال سىستېمىسىغا كىرىدۇ. كرسىتالى كۆپىنچە بەل دۇمبىقىغا ئوخxايدۇ، قۇراشمىسى دانىچە، زىچ كاللەك ھالەتتە بولىدۇ، رەڭگى ئادەتتە كۆكۈچ كۈل رەڭ ياكى سارغۇچ كۈل رەڭ، سۈزۈك ھەم تەركىبىدە ئاز مىقداردا خروم بولغان قىزىل رەڭلىكلىرى قىزىل ياقۇت، سۈزۈك ھەم تەركىبىدە تىتان بولغان كۆك رەڭلىكلىرى كۆك ياقۇت دېيىلىدۇ. تەركىبىدە تۆمۈر بولغانلىرى قوڭۇر؛ مانگان بولغانلىرى ئەتىرگۈل رەڭگىدە بولىدۇ. ئەينەك پارقىراقلىقىغا ئىگە، قاتتىقلىقى 9؛ سېلىشتۇرما ئېغىرلىقى 95.3 - 410.
ئاياللارنىڭ ئىسمى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئىرقشۇناسلىق
مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان مىللەت ۋە بۇ مىللەتكە مەنسۇپ كىشى. ئۇلار ياقۇتىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي ئاھالىسىنى تەشكىل قىلىدۇ.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
پارىسچە
ياقۇتخان
بىر خىل قىممەتلىك تاش
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
(ئەرەبچە-قەدىمكى يەھۇدىيچە)
قىزىل رەڭلىك قىممەتلىك تاش، ياقۇت. تۈركىي خەلقلەر ياقۇت كىشىنى تۈرلۈك كېسەللىكلەردىن ساقلايدۇ، داۋا بولىدۇ دەپ ھېسابلاشقان.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
بىر خىل قىممەتلىك تاش.