Uyghurئاساسىي لۇغەت
ياقماقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① تۇتاشتۇرماق:[مىسال:] تونۇرغا ئوت ياقماق. كۈجە ياقماق. * مالنى تاپقان باقسۇن، ئوتۇننى چاپقان ياقسۇن (ماقال).[يەشمىسى:] ② نۇر، يالقۇن، يورۇقلۇق ھاسىل قىلماق، يورۇتماق، ياندۇرماق:[مىسال:] گۈلخان ياقماق. چىراغ ياقماق. شام ياقماق.