Uyghurئاساسىي لۇغەت
ياقلىماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىراۋنىڭ پىكىر - تەشەببۇسلىرىنى ماقۇل كۆرۈپ، شۇ پىكىر - تەشەببۇسلار تەرىپىدە تۇرماق.
مەن قۇرباننىڭ پىكىرىگە قوشۇلىمەن. يىغىندا ھەممەيلەن باشلىقنىڭ تەشەببۇسىغا قېتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. يەپ - ئىچىشكە كەلگەندە كىم كىمنى ياقلايدۇ؟
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
تەرىپىنى ئالماق، قۇۋۋەتلىمەك، قوللىماق، ھىمايە قىلماق.
بەزىلەر ئىلگىرى قۇلدارلارنى قانداق چىڭ تۇرۇپ ياقلىغان بولسا ھازىرمۇ ئەڭ ئەشەددىي ئەزگۈچى زېمىندارلارنى، پۇلدار بايلارنى شۇنداق ياقلىماقتا.
ئىلمىي ئىشتا بىرەر تېما ياكى كۆزقاراشنى تولۇق دەلىللەپ، شەرھلەپ چىقماق، ئۇنىڭ شۇنداقلىقىنى ئىسپاتلىماق.
دىسسېرتاتسىيە ياقلىماق.
تەرەپكە بۆلۈنمەك.
— ئۇنداق گۇمانلىق ئادەمنىڭ زدى ئىزىنى يوقاتماسلىق كېرەك، تېز بارغىقن، ھەلەكنى تېپىپ ئىككى ياقلاپ ئىزلەڭلار،— دېدى تىلەك جۈمەگە.