Uyghurئاساسىي لۇغەت
يامبۇ
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
يامبۇ شىنجاڭنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا ئىشلىتىلگەن بىر خىل مېتال پۇلنىڭ نامى بولۇپ، كۈمۈشتىن قۇيۇلىدۇ. ئۇنىڭ نامى ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى پۇل نامى <元宝> دىن كەلگەن.
تەتقىقاتچىلار بۇ خىل پۇلنىڭ شەكلى قۇجۇ ئۇيغۇرلىرى دەۋرىدە ئوبوروت قىلىنغان <ياستۇق> نىڭ شەكلىگە تەقلىد قىلىنغان بولۇپ، گۇاڭشۈيخان زامانىدىن تارتىپ پەيدا بولغان، دەپ قارايدۇ.
ئەينى دەۋردە شىنجاڭدا ئوبوروت قىلىنغان يامبۇلار <تەڭنە شەكىللىك يامبۇ>، <يۇمۇلاققا مايىل يامبۇ>، <ئولتاڭ شەكىللىك يامبۇ>، <ئات تويىقى شەكىللىك يامبۇ> دىن ئىبارەت تۆت خىل بولغان. ئېغىرلىقى 8.3 سەردىن 65 سەرگىچە بولغان. ھەر بىر سەر شنىجاڭ يامبۇسى 25 چارەك (ئەسلىدىكى كەمچەن) يەنى 40 جىڭدىن 60 جىڭغىچە ساپ بۇغداي بىلەن تەڭ قىممەتتە ئالماشتۇرۇلغان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
خەنزۇچە
مالىيە
جۇڭگونىڭ كونا زاماندىكى پۇلىنىڭ بىر خىلى. ئالتۇن، كۈمۈشتىن قۇيۇلغان بولۇپ، شەكلى ئات تۇيىقىغا ئوخشاپ كېتىدۇ. تاڭ ۋە سۇڭ سۇلالىسى دەۋرلىرىدە كۆپرەك قۇيۇلغان.