Uyghurئاساسىي لۇغەت
يامراشدى
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
قوشۇلدى، ئارىلاشتى.
قوزى يامراشدى _ قوزا (ساغلىقلارغا) قوشۇلدى. شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
قوچڭار تەكە سەشىلدى
ساغلىق سۈرۈك قوشۇلدى
سۈتلەر قامۇغ يۇشۇلدى
ئوغلاق قوزى يامراشۇر
«قوچقار، تېكە ئايرىلدى،
ساغلىق پادىسى توپلاندى،
سۈتلەر ھەممىسى ئاقتى،
ئوغلاق، قوزىلارقوشۇلدى.»
ياز تەسۋىرلىنىپ، شۇنداق دېيىلىدۇ: ياز كەلگەچكە قوچقار، تېكىلەر ساغلىق ۋە ئۆچكىلەردىن ئايرىلدى، ساغلىق پادىلىرى سېغىشقا توپلاندى، يېلىنلىرىدىن كۆپلەپ سۈت ئاقتى، قوزىلار ئانىلىرىغا قوشۇلدى، قايتا سېغىلمىدى.
3 - 139