Uyghurئاساسىي لۇغەت
يامانلىق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يامان - ئەسكى ھالەت، قىلىق.
يامانلىقنى ئامانلىق يېڭەر. يامانلىق - ياۋنىڭ تامغىسى. يامانلىق تېرىغان يامانلىق كۆرەر. يامانلىق قىلساڭ، يامانلىق كۆرۈسەن. ناچارلىقتىن يىرگىنىدۇ، ياخشىلىققا تەلپۈنىدۇ. ئوساللىق ئۆمۈرنى قىسقارتىدۇ. بۇزۇقلۇق يۇرت بۇزىدۇ. ئەسكىلىكنىڭ يىلتىزى ھۇرۇنلۇق. قەبىھلىك تېرىساڭ، ئۆچمەنلىك يىغىسەن. قىلغۇلۇقنى قىلىپ بولدۇڭ، يەنە نېمە كېرەك؟
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
يامان ئىش - ھەرىكەت، يامان ئىللەت.
ياخشىلىق، ئۈزگۈلۈك، ئېسىللىك
ياخشى ئىش - ھەرىكەت، ياخشى خىسلەت.
ياخشىلىقنى بىلمىگەن كىشىدىن ياخشىلىقنى بىلگەن كۈچۈك ئارتۇق. يامانلىق تېرىغاننى يامانلىق ئۇرار. ئادەم ياخشىلىقنى ئۇنتار، يامانلىقنى ئۇنتۇماس. يامانلىققا يامانلىق، ياخشىلىققا ياخشىلىق. تەمەخورلۇق ھەممە ئەسكىلىكنىڭ ئەسكىسى. ئەزگۈدىن ئەزگۈلۈك كېلەر، ياۋۇزدىن ياۋۇزلۇق. ياخشىلىقىڭ تەگكەن كىشىنىڭ ياۋۇزلۇقىدىن ساقلان. ياخشىلىق قولۇڭدىن كەلمىسە، يامانلىق قىلما. بۇمۇ ياخشىلىق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
باشقىلارغا زىيان سېلىش، باشقىلارنى ئۇۋال قىلىش ئىشى، ھەرىكىتى.
يامانلىق قىلماق.
ياخشىلىققا ياخشىلىق - ھەر كىشىنىڭ ئىشىدۇر، يامانلىققا ياخشىلىق - ئەر كىشىنىڭ ئىشىدۇر (ماقال).
خەلق كۆزىگە ياخشىلىق بىلەن كۆرۈنگىن، يامانلىق بىلەن كۆرۈنۈشتىن ساقلان. ھېچقاچان بۇغداي كۆرسىتىپ، ئارپا ساتما.
ئى. شوخلۇق.
قارا، ئۇ بالىنىڭ يامانلىقىنى.