Uyghurئاساسىي لۇغەت
يامانلاشماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
قىيىنلاشماق، مۈشكۈللەشمەك، تەسلەشمەك.
ئىنچىكىلەپ سوراشنىڭ ھاجىتى يوق، بۇنىڭ بىلەن ئەھۋال يامانلىشىپ كەتمەيدۇ.
خەتەرلىك ئەھۋالغا چۈشۈپ قالماق، ئېغىرلاشماق (كېسەللىك ھەققىدە).
بالىنىڭ ھالى بارغانسېرى يامانلاشتى، كۆز قارىچۇقى ئارقىغا تاتىلىپ، بېشى قاتىيىپ قېلىۋاتاتتى.
بۇزۇلماق، ئوساللاشماق.
كۈنلەر ۋە ئايلارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن خانئايىمنىڭ نىيىتى بارغانسېرى يامانلىشىپتۇ.
سوغۇقچىلىق پەيدا بولماق، ئارازلىشىپ قالماق، زىتلاشماق، يىرىكلەشمەك (كىشىلەر ئارا مۇناسىۋەت ھەققىدە).
ئەكبەر بىلەن مەنسۇرنىڭ قىزىنىڭ مۇناسىۋىتى يامانلاشقان بىلەن مەنسۇرنىڭ مۇناسىۋىتى يامانلاشمىدى.